باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

خەلقنىڭ مۇھىم ھاۋالىسىنى زېممىمىزگە يۈكلەپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى

ـــ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەيدانغا كەلدى

2012.11.15 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2012-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنى. بېيجىڭ خەلق سارىيى. 2300 دىن ئارتۇق پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلى ئارقىلىق 376 نەپەر مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى ۋە كاندىدات مەركىزىي كومىتېت ئەزاسىدىن تەشكىل تاپقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ۋە 130 نەپەر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلام چىقتى.

  يېڭى نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، قەتىئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك ئۇلۇغۋار تارىخىي بۇرچنى زېممىسىگە ئالىدۇ.

  بۈگۈن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى جۇغلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تارىختىكى ئەڭ ئەڭ سەلتەنەتلىك يېڭى مۇساپىگە باشلايدۇ... (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ سۇتاڭ، چىن جيې، خو شياۋگۇاڭ، لى ياجيې)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە