ئىقتىدارلىق ياش يازغۇچى زۆھرەگۇل ئابدۇۋاھىت 1975 -يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۇنى قورغاس ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1995 -يىلى «شىنجاڭ پوچتا -تېلگىراف مەكتىۋى»نى تاماملىغاندىن كېيىن ھازىرغىچە قورغاس ناھىيەلىك پوچتا ئىدارىسى ۋە پوچتا بانكىسىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. زۆھرەگۇل ئابدىۋاھىت 1991 -يىلى «ئىلى دەرياسى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «تەلەيلىك ئايالنىڭ ھەسرىتى»ناملىق ھىكايىسى بىلەن ئەدىبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەندىن بېرى «ئىلى دەرياسى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «تارىم»، «شىنجاڭ مەدىنىيىتى»، «ئىلى گېزىتى»، «ئىلى كەچلىك گېزىتى»قاتارلىق گېزىت -ژورناللاردا يۇز پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە، پوۋسىت، ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.ئاپتورنىڭ «قىسىلغان يۇرەك» ناملىق ھىكايىسى 5-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدىبىياتى» مۇكاپاتىغا «قومۇش كۆل» ناملىق ھىكايىسى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى» مۇكاپاتىغا «مىڭ بىر كېچىدىن تۇرمۇشقا نەزەر» ناملىق ماقالىسى ئاياللار ژورنىلى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئاياللار، ئانىلار ۋە دۇنيا» ناملىق مۇكاپاتلىق ئەسەر باھالاش پائالىيىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2004 -يىلى ئاپتۇرغا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «تۆھپىكار ئايال ئەدىپ»دەپ نام بېرىلگەن. 2013 -يىلى «ئاخىرقى كۈز» ناملىق ھىكايىسى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ «مىللەتلەر ئەدىبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ياغاچ قوشۇق» ناملىق ھىكايىسى ئوتتۇرا ماكتەپ دەرسلىگىگە كىرگۇزۇلگەن. «ئاققان يۇلتۇز»، «قومۇش كۆل» قاتارلىق ھىكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. 2013-يىلى «قومۇش كۆل» ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى نەشىردىن چىقىپ كىتاپخانلار بىلەن يۇز كۆرۇشتى. «‹ئەركەكلەر قېنى؟!» ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئاپتور «ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتى»نىڭ ئەزاسى «ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى»نىڭ ئەزاسى.