خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلەت ئابلىز، يەن شۇلىن، زورىگۈل قادىر خەۋىرى، فوتوسى) يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيت بىلەن تاۋۇز چاغىنىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن 9- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ناھىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە بارلىققا كەلگەن «ئۈچتە ياخشى ئىشچى-خىزمەتچى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە قوشنىلار ئارا ئىناق ئۆتۈشتىكى ياخشى ئىشچى-خىزمەتچى»، «1-ماي ئىشلەپچىقىرىش ماھىرى»، ئۈچ دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، شۇنداقلا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسى بۇيىچە «ئىلغار خىزمەتچى»لەردىن بولۇپ 84 كىشىگە 23 مىڭ 520 يۈەن قىممىتىدە ھال سوراش بۇيۇمى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ناھىيەنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى قۇتلۇقلىدى.
سۈرەتتە: ئىلغار تىپلار ھال سوراش بۇيۇمىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى