خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: سىدىق مىجىت خەۋىرى، فوتوسى) «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى توقسۇ ناھىيەسىدىكى 100 نەپەر ئايال مۇھىت ئاسىراش ئىشچىلىرىدىن بايراملىق ھال سوراپ، ئۇلارغا قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان بىر يۈرۈش گىرىم بۇيۇمى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.
سۈرەتتە: ھال سوراش پائالىيتىدىن كۆرۈنۈش.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى