خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ( ئۆز مۇخبىرىمىز مەلىكەم خەۋىرى) مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد-سودا ئىنسىتىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى بۈۋىھەجەر ئابلا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ يىل ئېلىپ كەلگەن تەكلىپلەرنى تونۇشتۇردى.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1989- يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىق پىلانى ( قىسقارتىپ « ھەمكارلىق پىلان »)نى يولغا قويۇپ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئالىي مائارىپ بايلىق مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن يۇقىرى ساپالىق ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىقى، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەر ۋە ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۈچەپ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، ھەمكارلىق پىلانى بويىچە ئالتە قېتىم تەربىيەلەش ۋەزىپىسى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى ئەينى چاغدىكى نەچچە يۈز ئادەمدىن 2015 -يىلى 6800 ئادەمگە كۆپىيىپ، جەمئىي 64 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، تەربىيەلىنىپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى 29 مىڭدىن كۆپرەككە يەتتى. نۆۋەتتە، « ھەمكارلىق پىلانى»، « بىر تۇتاش قوبۇل قىلىش پىلانى»، «ئىچكىرىدىكى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپ پىلانى» قاتارلىق ھەر خىل شەكىل ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچى 67 مىڭ غا يەتتى.
بىرىنچى قېتىم مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 2009 - يىلىدىكى % 74دىن 2014 -يىلىدىكى 91 %كە ئۆستى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى 2009-يىلىدىكى 67%دىن 2014-يىلىدىكى 84%كە ئۆستى؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچى 80 مىڭ كىشىگە يەتتى. 2020 - يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچى 116 مىڭ 267گە يەتكۈزۈلۈپ، 2015- يىلىدىكىدىن % 98 ئاشۇرۇلىدۇ. كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە مائارىپ تەرەققىيات پىلان پىروگراممىسىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مائارىپ بويىچە ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى 2014-يىلىدىكى 31%دىن 2020-يىلىغا بارغاندا %40كە ئۆسىدۇ.
ئۇ، دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىلىدىن باشلاپ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش پىلانىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، 2025- يىلىغىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى 30 مىڭ ئادەمگە يەتكۈزۈش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كەسىپ بويىچە قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى توغرىلىق تەكلىپ بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى