خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-دېكابىر ئامېرىكىلىق كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتېسى ئانتونى مەككى بىلەن ئاننا فارىس ھەر قايسى تۈردىكى نامزاتلارنى ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى 22-نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئارتېسلار جەمئىيىتى مۇكاپاتى نامزاتلىرى ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا ئارتېسلار جەمئىيىتى مۇكاپاتىنى ئامېرىكا كىنو-فىلىم ئارتېسلىرى جەمئىيىتى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىدىغان بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 22-نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئارتېسلار جەمئىيىتى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى لوس-ئانژېلستا ئۆتكۈزۈلىدۇ. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى