باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>پەن-تېخنىكا& IT

ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچى كەشىپ قىلغان تاق كىشىلىك سۇ ئاستى كېمىسى

2013.05.29 14:08         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، ئامېرىكا يېڭى جېرسېي ئىشتاتىدىكى ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى Justin Beckerman بىر تولۇق ئىقتىدارلىق تاق كىشىلىك سۇ ئاستى كېمىسى − ‹‹نائۇتىلۇس قۇلۇلىسى›› نى كەشىپ قىلغان بولۇپ، دېتاللىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىنلا سۇغا چۈشۈرۈپ چۆكتۈرۈپ باقىدىكەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ‹‹نائۇتىلۇس قۇلۇلىسى›› نىڭ ئاساسىي گەۋدىسى يېنىك دولقۇنسىمان پۈرمە سۇلياۋدىن ياسالغان ئىكەن، ئۇزۇنلۇقى توققۇز فۇت (تەخمىنەن ئۈچ مېتىر)، ئېغىرلىقى 1300 قاداق (تەخمىنەن 590 كىلوگىرام) كېلىدىكەن، سۇ ئاستىغا 30 فۇت (تەخمىنەن توققۇز مېتىر) چوڭقۇرلۇققىچە چۆكەلەيدىكەن. بۇنى ياساشقا يېرىم يىل ۋاقىت، 2000 دوللار (تەخمىنەن 12 مىڭ يۈەن) مەبلەغ كېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە