مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جونس-خوپكىنس داشۆسى دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەنلەر 700 مىڭدىن ئاشتى، دېدى

2020.08.07 17:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس-خوپكىنس داشۆسى 5-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارىدا جەمئىي 700 مىڭدىن ئارتۇق بىمار قازا قىلغان.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 5-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن 34 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى 5- ئاۋغۇست سائەت 12 دىن 34 مىنۇت) ئۆتكەنگە قەدەر، يەر شارىدا جەمئىي 70 مىڭ 647 ئادەم قازا قىلغان، جەمئىي 18 مىليون 540 مىڭ 119 نەپەر بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ۋە ئۆلگەنلەر سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، جەمئىي 4 مىليون 771 مىڭ 80 ئادەم ۋە 156 مىڭ 801 ئادەمگە يەتكەن. ئۆلگەنلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان دۆلەتلەردىن يەنە بىرازىلىيە، مېكسىكا، ئەنگلىيە، ھىندىستان قاتارلىقلار بار.

  بۇ سانلىق مەلۇماتلار جونس-خوپكىنس داشۆسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس تەتقىقات تۈرى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى دەرقەملىك جەملەشتىن كەلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ