باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابىشىنزۇ ھاكىمىيىتى كونا يولىدا ماڭىدىغان بولسا، تۇيۇق يولغا كېرىپ قىلىشى مۇمكىن

2014.12.26 16:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە يەنە بىر قېتىم سايلانغان ئابىشىنزو 24-دېكابىر كەچتە توكيودا يېڭى كابىنتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش فاڭجىنىنى شەرھىلىگەندە مۇنداق دېدى: كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار قانۇن كېلەر يىلقى قەرەللىك پارلامېنت يىغىنىدا ماقۇللىنىدۇ.

  ئابىشىنزو چوڭ سايلام مەزگىلىدە «ياپونىيەنىڭ گۈللىنىشىدە مۇشۇنداق بىرلا يول بار» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ئابىشىنزو ھاكىمىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يولى ئىلگىرىكى ئادەتلەنگەن تەپپەككۈر يولى بويىچە بولسا، خەتەرلىك يولغا ھەتتا تۇيۇق يولغا مېڭىپ قېلىشى مۈمكىن.

  ئابىشىنزونىڭ سايلامنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزىشىدىكى ئەڭ چوڭ مەقسىتى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىش. سايلامدىن كېيىن، ئابىشىنزو ھاكىمىيىتى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىلدىن تۆت يىلغا ئۇزىرىدۇ. كابىنتنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسەن ئۆزگەرمىدى، مۇھاپىزەت ۋەزىرى سىياسىي مەبلەغ مەسىلىسىگە چېتىلىپ قېلىپ ئىستىبا بەرگەندىن باشقا، قالغان ئەمەلدارلار ئۆز ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قالدى.

  ئابىشىنزو 24-دېكابىردىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا «ئابىشىنزونىڭ ئىقتىساد ئىلمىنىڭ» مۇۋەپپەقىيەت قازىشىنىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى قايتا تەكىتلىدى. بىراق، ئابىشىنزو «ئابىشىنزو ئىقتىساد ئىلمى»نىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قۇرالى ئىكەنلىكىنى يوشۇرمايدىغان بولدى.

  ئۇ ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىقتىساد تېمىسىنى ئالدى بىلەن تاللاشتىكى مەقسەت ئىقتىساد سۇسلاشقانلىقتىن، ياپونىيە خەلقئارا جەمىيەتتە ئاجىزلىق ھىس قىلدى، ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە بىخەتەرلىك كاپالىتى ساھەسىدىكى ئورنى ئاجىزلاشتى. كۈچلۈك ئىقتىساد بولغاندىلا كۈچلۈك دىپلوماتىيەنى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ، دىپلوماتىيە بىلەن بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىچكى تاشقى بىر گەۋدە.

  25-دېكابىردىكى «توكيو خەۋەرلىرى» گېزىتىدە ئابىشىنزو يېڭى كابىنتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يۆنىلىشى «ئابىشىنزو سىياسىتى تېزلىتىلىدۇ، ئىقتىسادىي سىياسەت داۋاملىشىدۇ، يادرو ئېلىكتىر سىياسىتى داۋاملىشىدۇ» دەپ يىغىنچاقلاندى.

  چىڭيىڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىقتىساد ئىلمى پروفىسسورى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئابىشىنزو قاراشتا «ئىقتىسادنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىمىز» دېگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. ياپونىيە تاراتقۇلىرىمۇ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئابىشىنزونىڭ كۆڭلىدىكى «ئۆز ۋەزىپىسى» دەپ كۆرسەتتى.

  ئابىشىنزو 24-دېكابىر كەچتە ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تارىخىي پۈرسەت ۋە خىرس ئېلىپ كېلىدۇ، دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يولىغا مېڭىشنىڭ كۆۋرۈكى سېلىنىپ بولدى، ئەمدىكى مەسىلە بۇ كۆۋرۈكتىن قانداق ئۆتۈشتە.

  ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەرتىپىگە ئاساسەن، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى ئايرىم ئايرىم پارلامېنتىنىڭ ئاۋام كېڭەش پالاتاسىدىكى 3 دەن 2 قىسىمدىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوشۇلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنىلىدۇ، ئەگەر يېرىمدىن ئارتۇق خەلق بۇنى قوللىمىسا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزگىلى بولمايدۇ.

  پارلامىنتنىڭ ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى توسالغۇلار رۇشەن تۆۋەنلىدى. ئابىشىنزۇمۇ خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىدە يېرىمدىن كۆپ ئاۋازغا ئېرىش-ئېرىشمەسلىكىنىڭ ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى ھەقىقىي سىناق ۋە ئەڭ چوڭ ئاچقۇچ ئېكەنلىگىنى ئىتىراپ قىلدى، ئەمما بۇ ئاددى ئىش ئەمەس، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىكىگە بولغان چۈشىنىشىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ياپونىيەدىكى كۆپ تۈرلۈك خەلق رايىدىن ئايان بولۇشىچە، يېرىمدىن كۆپ خەلق ئاممىسى ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرغان، بولۇپمۇ ياپونىيەنىڭ «تىنچ دۆلەت ئوبرازى»نى تۇرغۇزىدىغان ئاساسى قانۇننىڭ 9-ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرغان.

  تاراتقۇلار مۇنداق دېدى: ئەڭ زور دەرىجىدىكى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئابىشىنزۇ ھاكىمىيىتى ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەڭ دەسلەپكى لايىھەسىدە ئاساسى قانۇننىڭ 9-ماددىسى قاتارلىق تالاش-تارتىش بولىۋاتقان ماددىلارغا چېتىلىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈنلا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بولسا، ئۇرۇشتىن كېيىن شەكىللەنگەن ئاساسى قانۇندىكى چەكلەنگەن رايونلارنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.

  ئەمما ئابىشىنزۇنىڭ بۇ يولى تۈز ئەمەس، بەلكىم خەتەرلىك ھەتتا تۇيوق يول بولۇشى مۇمكىن. 1- ئابىشىنزۇ خەلق رايىنىڭ ئۆزىنى قوللايدىغانلىقىنى رۇشەن يۇقىرى مۆلچەرلەپ قويدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا ئەركىن دىموكراتلار پارتىيەسى پارلامنتتا ئېرىشكەن ئوروندا داۋاملىق غايەت زور ئۈستۈنلۈكنى ساقلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئابىشىنزۇ ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئاۋاز بېرىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ئاران %52 بولدى، شۇڭلاشقا ئەمەلىيەتتە ئەركىن دىموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى پۇتۇن سايلىغۇچىلارنىڭ تۆتتىن بىرىگە يەتمەيدۇ. 2-«ئابىشىنزۇ ئىقتسادشۇناسلىقى»نىڭ ئىستىقبالى ئېنىق ئەمەس. ئابىشىنزۇ ھاكىمىيىتىنىڭ بىر يۈرۈش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىم نۇقتىسىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى- «ئابىشىنزۇ ئىقتىسادشۇناسلىقى»دا كۆرگىلى، تۇتقىلى، داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان نەتىجىنى گەۋدىلەندۇرۇش. ئەمما ياپونىيە ئىقتىسادى داۋاملىق ئىككى پەسىل مەنپىي ئاشتى، خەلقئارا باھالاش ئاپپاراتلىرى ياپونىيەنىڭ دۆلەت قەرزىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى ۋە ئۈمىدىنى تۆۋەنلەتتى، «ئابىشىنزۇ ئىقتىسادشۇناسلىقى»غا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، %60تىن يۇقىرى خەلق ئاممىسى ئۇنىڭ ئۈنۈمىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە پوزتىسيەسىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر «ئابىشىنزۇ ئىقتىسادشۇناسلىقى» ۋەيران بولسا، ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىقلار كۆپۇككە ئايلىنىشى مۇمكىن.

  بۇنىڭدىن باشقا رايون سەلبىي تەسىرىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ.

  بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئابىشىنزۇنىڭ تارىخ رېۋىزىئونىزم، مىلىتارىزىم،چوك دۆلەت قارىشىدىكى ئاتالمىش «ھاكىمىيەت ئارزۇسى» داۋاملىق رايون سۈركۈلىشى پەيدا قىلىپ، رايون مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ ياپونىيە ئىقتسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە سىرتتىكى ئوبرازىغا قارىتا، غايەت زور زەربە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر