باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدا نۇرغۇن كىشىلەر پۇل خەجلەشكە قارىغاندا پۇل قويۇشنى خالايدىغان بولغان

2013.12.11 14:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە ئىقتىسادنىڭ ياخشى بولماسلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئامېرىكىلىقلار پۇل خەجلەشتىكى ئىسراپخورلۇق ۋە بانكىغا پۇل قويماسلىق ئادىتىنى ئۆزگەرتكەن بولۇشى مۇمكىن. 9-دېكابىر ئېلان قىلىنغان گاللاپ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ھازىر ئامېرىكىدا نۇرغۇن كىشىلەر پۇل خەجلەشكە قارىغان پۇل قويۇشنى خالايدىغان بولغان.

  3-ۋە 4-دېكابىر ئېلىپ بېرىلغان مەملىكەتلىك ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، %62 ئامېرىكىلىق بانكىغا پۇل قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. %33 كىشىلا پۇل خەجلەشنى تېخىمۇ خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. %40 ئامېرىكىلىق ئۆتكەن نەچچە ئايدا قويغان پۇلىنىڭ خەجلىگەن پۇلىدىن كۆپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن، %28 كىشى قويغان پۇلىدىن خەجلىگەن پۇلىنىڭ كۆپلىكىنى ئېيتقان. %30 كىشى قويغان ۋە خەجلىگەن پۇلىنىڭ ئوخشاش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  2010-يىلىدىكى ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتىكى %57 كىشىنىڭ قويغان پۇلىنىڭ خەجلىگەن پۇلىدىن كۆپ بولۇشتەك ئەڭ يۇقىرى رېكورت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدا بانكىغا پۇل قويۇشنى ياخشى كۆرۈدىغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن، بۇ ئىقتىسادى كىرزىسىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان بېسىمى ئىقتىسادنىڭ ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  ئامېرىكىلىقلار پۇل قويۇشقا باشلىغانلىقتىن، ئامېرىكا ئائىلىلىرىنىڭ قەرزىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2009-يىلىدىكى %98تىن ھازىرقى %81كە تۆۋەنلىدى، بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىلدە داۋاملىشىشىدىن ئۈمىد بار، چۈنكى ھازىر پۇل قويۇش چىقىمىدىن كۆپ بولغان ئامېرىكىلىقلار ئىچىدە، %28 كىشى بۇنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئادىتىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، %12 كىشىلا، بۇ ۋاقىتلىق ئىش دەپ قارىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر