باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دۇنيادا راكقا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا

2013.12.13 14:57         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيادىكى راك كېسىلى مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قارىمىقىدىكى خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورگىنى 12-دېكابىر پۈتۈن دۇنيانىڭ راك كېسىلى ئەھۋالى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك دوكلات ئېلان قىلىپ : ‹‹ دۇنيا بويىچە ھەر يىلى يېڭىدىن 14 مىليون ئادەم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇۋاتىدۇ ، 2025-يىلىغا كەلگەندە ، بۇ سان 19 مىليونغا كۆپىيىشى مۇمكىن ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ۋە قېرىلىشىشىدىن بولدى ›› دېدى . بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، نۆۋەتتە ، راك كېسىلى ئاساسەن ئانچە تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەردە كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ ، ئاسىيا قىتئەسى راك كېسىلى بويىچە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاۋاتقان ئاساسلىق نۇقتىغا ئايلانغان . بۇنىڭدىن باشقا ، دوكلاتتا يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەر ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان سۈت بېزى راكى ۋە بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە چاقىرىلغان .

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، دۇنيادىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يېرىمى ۋە دۇنيا بويىچە راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، جۇڭگودا ئەڭ كۆپ ئىكەن .

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، سۈت بېزى راكى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان راك كېسىلى ، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 1-نومۇرلۇق قاتىل ئىكەن . 2008-يىلدىن بۇيان ، پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ سانى %20 تىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشقان ، بۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ سانى بولسا %14 ئاشقان . 2012-يىلى پۈتۈن دۇنيادا 1 مىليون 700 مىڭ ئايال سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان ، 522 مىڭ ئايال بۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن .

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى يېڭىدىن 528 مىڭ ئايال بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان ، بۇ كېسەل سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ 1-نومۇرلۇق قاتىلىغا ئايلىنىپ قالغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر