باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنىڭ ئۇكرائىناغا پايدىسى كۆپمۇ؟

2013.11.19 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا يېقىندا رۇسىيەگە تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ھەققى 1 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، بۇ ئۇكرائىنانىڭ 8-نويابىر رۇسىيەدىن تەبىئىي گاز سېتىۋېلىشنى توختىتىشنى قارار قىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كەمتەر بولۇشى. ئۇكرائىنانىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەبئىي گاز سېتىۋېلىشنى توختىتىشى رۇسىيەنىڭ تەبئىي گېزىغا بولغان تايىنىشتىن قۇتۇلۇشنى ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنى ئويلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن ئۇكرائىنا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشقا كۈچ چىقارغان بىلەن بىر ۋاقىتتا تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىدىن مەھرۇم قىلىشنى خالىمايدۇ، ئۇلار ئىككى قىيىققا تەڭ دەسسىشى مۇمكىن. مەيلى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بولسۇن ياكى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىدىن بولسۇن ئۇكرائىنادىن مەھرۇم قېلىشنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ.

  ئۇزۇندىن بۇيان، ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گېزىغا بولغان تايىنىشىدىن قۇتۇلۇپ، تەبئىي گاز ئىمپورتىنى كۆپ خىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئويلاپ كەلدى. ئەگەر ئۇكرائىنادا راستلا پۇل يوق بولغان بولسا رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان تەبئىي گاز مىقدارىنى ئازايتاتتى، ئەمما ھازىر بىراقلا توختاتتى؛ رۇسىيەدىن تەبئىي گاز سېتىۋېلىشنى توختاتقان بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپادىن تەبئىي گاز سېتىۋېلىشنى كۈچەيتتى. 6-نويابى ئۇكرائىنا پولشادىن 1 مىليون 200 مىڭ كۇپ مېتىر گاز سېتىۋالدى، 9-نويابىر بولسا يەنە 4 مىليون 600 مىڭ كۇپ مېتىر كۆپەيتتى.

  ئۇكرائىنانىڭ بۇ پەيتتە سېتىۋېلىشنى توختىتىشى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئۆزىنىڭ خايىشىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. 2010-يىلى 2-ئايدا يانۇكوۋىچ ئۇكرائىنانىڭ زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، سابىق زۇڭتۇڭنىڭ غەربكە بەكرەك كۈچەشتەك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ياۋروپا بىلەن رۇسىيەگە تەڭ كۈچەشتەك دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئۆزگەرتتى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىش ئاساس بولدى. رۇسىيە ئىجىتمائىي سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئېفسېف، ئۇكرائىنا ئەمەلىيەتتە سىياسىي جەھەتتە ئويۇن ئويناۋاتىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنىڭ ئۇكرائىناغا پايدىسى كۆپ، ئەمما بۇنىڭ زىيىنىمۇ بار. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۇكرائىنا تولۇق تەييارلىق قىلىپ، تېخنىكا ئۆلچىمى، سۈپەت ئۆلچىمى، مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمى قاتارلىق جەھەتلەردە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرىككەندە ئاندىن ياۋروپا بازىرىغا كىرىپ، كەسكىن رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. باشقا تەلەپلەرنىمۇ چوقۇم قاندۇرۇش كېرەك، مەسىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ رەھبىرى جىموشىنكونى قويۇپ بېرىش قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇكرائىنا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرسە، تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا تولۇق قاتنىشالمايدۇ.

  9-ئايدىن باشلاپ، رۇسىيە رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، ئەگەر ئۇكرائىنا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرسە، تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىش پۇرستىدىن مەھرۇم قالىدۇ، 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا پاسسىپ بالانىسىغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك، رۇسىيەدىن ئالىدىغان قەرزى ئازلايدۇ، تەبىئىي گاز باھاسى قاتارلىق نۇرغۇن ئېتىۋارلاردىن مەھرۇم قالىدۇ، ئىككى دۆلەت 2009-يىلى تۈزگەن كېلىشىمدىكى تەلەپ بويىچە 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تاپشۇرىدۇ، دېدى. بۇ بارلىق بەدەللەر ئۇكرائىنانى قىيناپ قويدى. ئىككىسىگە تەڭ ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ مۇۋاپىق تاللىشى ئوتتۇرىدا مېڭىش يەنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرگەن بىلەن بىر ۋاقىتتا تاموژنا بېجى ئىتىتپاقى بىلەن مەلۇم بىر خىل مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، رۇسىيەنىڭ نېفىت گاز ئېتىبارىدىن بەھرىلىنىش ئويلاپ كەلدى، لېكىن رۇسىيە بۇنىڭغا يول قويمىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى بولسىمۇ، لېكىن ئېفسېف، ئۇكرائىنا ھازىر رۇسىيەنىڭ بېسىمى بىلەن مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىش ئۇكرائىنانىڭ ئىسلاھات يۆلىنىشىگە تاقىشىدۇ، تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىش بولسا ياۋروپا ئەللىرى ئىتىپاقىغا كىرەلمىگەندە ئويلىشىدىغان يەنە بىر يول، دەپ ھېسابلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %60 ئۇكرائىنا ئاممىسى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنى قوللايدىكەن.

  موسكۋا كانىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى تېلىنىننىڭ ھېسابلىشىچە، ئۆتكەن نەچچە يىلدا، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ تەبىئىي گاز باھاسىنى تۆۋەنلىتىش تەلىپىگە قوشۇلمىغان. ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ تەبئىي گاز كەسپىگە نۇرغۇن مەبلەغ سالغان. ئۇكرائىنا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرگەندىن كېيىن، رۇسىيە باشلامچىلىق قىلغان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئورنىنى كۈچەيتەلەيدۇ. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دىپلوماتىيە ژۇرنىلى» تورىنىڭ 12-نويابىردىكى خەۋىرىدە، بۇندىن كېيىن رۇسىيە ئېنېرگىيە مەسىلىسى بىلەن ئۇكرائىناغا بېسىم سالغاندا، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئويلىشىشى كېرەك، دېيىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر