باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە بىلەن ئىراق نېمە ئۈچۈن ياراشماقچى بولدى؟

2013.11.18 17:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى مەزگىلدە، تۈركىيە – ئىراق مۇناسىۋىتىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى. ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرى زىبارى ئالدىنقى ئايدا ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇت ئوغلۇمۇ ئۆتكەن ھەپتە باغدادتا زىيارەتتە بولدى ھەم ئىككى تەرەپ ‹‹ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يارىتىش›› توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

  تۈركىيە – ئىراق مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى 2011 – يىلى 12 – ئايدىكى ‹‹ھاشىم ۋەقەسى››دىن باشلانغان. ئەينى چاغدا، ئىراقتىكى سۈننىي مەزھىپىدىن بولغان مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ تارىك ھاشىم مەركىزىي ھۆكۈمەت باشقىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈردى، دەپ ئەيىبلىگەچكە، تۈركىيەگە قېچىپ بېرىۋالغان. تۈركىيە ھاشىمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلغان، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى، ئىراق كۇرد ئاپتونوم رايونىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئىراقنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىككى دۆلەت داۋاملىق بىر – بىرىنى ئەيىبلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بىر مەھەل يىرىكلىشىپ قالغان.

  بۇنداق ھالەت بىر يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى يېقىندا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. ئىراق مالىك ھۆكۈمىتى بۇ يىل سېنتەبىردە پارلامېنتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەكنى ئەنقەرەگە زىيارەتكە ئەۋەتتى. ئارقىدىن تۈركىيەمۇ بۇنىڭغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، پارلامېنت ۋەكىللىرىنى باغدادقا زىيارەتكە ئەۋەتتى.

  ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرى زىبارى ئۆكتەبىردە تۈركىيەدە تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولدى ھەم تۈركىيە زۇڭتۇڭى گۈل ۋە زۇڭلىسى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى. ئارقىدىن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇت ئوغلۇمۇ باغدادقا زىيارەتكە باردى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نورمال سەۋىيەگە يەتتى.

  تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچى بىلگەيتېس دومان مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى تاسادىپىي ئەمەس. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى خىرىس بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، تۈركىيە بىلەن ئىراقنىڭ دۈشمەنلىشىشى ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىسىزلىقىنى تونۇپ يەتتى.

  بىرىنچىدىن، تۈركىيە بىلەن ئىراق مۇھىم قوشنا دۆلەت، ئىقتىسادىي ئالاقىسى ناھايىتى قويۇق. ئىراق تۈركىيەنىڭ 2 – چوڭ ئېكسپورت دۆلىتى بولۇپ، بۇلتۇر ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 10 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتكەن. تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا تۈركىيەنىڭ ئىراققا قىلغان ئېكسپورتى %12 ئاشقان بولۇپ، سوممىسى 7 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن.

  ئىككىنچىدىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش يەنە تۈركىيە ۋە ئىراق چېگراسىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق. خاپۇر ئېغىزى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم قۇرۇقلۇقتىكى يۈك توشۇش يولى، لېكىن ئۇ جاينىڭ قاتنىشى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ.

  ئىراق ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر. ئۇزاقتىن بۇيان، تۈركىيە ئىراقتىكى بۆلۈنۈپ چىقىش خاھىشى بولغان سۈننىيلەر ۋە كۇردلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى. تۈركىيەنىڭ ئىزچىل ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بىۋاسىتە شىمالدىكى كۇرد ئاپتونوم رايونىدىن كۆپلەپ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشى ئىراق ھۆكۈمىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. تەھلىلچى ئەربابنىڭ قارىشىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئىراق تۈركىيەنىڭ شىمالدىكى كۇرد ئاپتونوم رايونى بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئازايتىشقا ھەم ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سۈننىيلەرنى قوللىشىنى ئازايتىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنىڭ مەركەزدىن ئېغىش خاھىشىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى چەكلىيەلەيدۇ. تۈركىيەمۇ بۇنى كوزىر قىلىپ تۇرۇپ، ئىراقنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيەنى ئىگىلىۋېلىش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر