- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مېكسىكا ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، شىمالىي يېرىم شاردىكى سېمىزلەر ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالدى
2013.07.12 16:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مېكسىكا ئاللىقاچان ئامېرىكىدىن ئېشىپ، شىمالىي يېرىم شاردىكى سېمىزلەر ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان. ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مېكسىكىنىڭ نۆۋەتتىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى %32.8 بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى%31.8 دىن سەل يۇقىرى بولغان. مېكسىكا ھازىر شىمالىي يېرىم شاردىكى سېمىزلەر ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالغان، ھەمدە دۇنيادىكى سېمىزلەر ئەك كۆپ دۆلەت قاتارىغا ئۆتۈشكە سىغدىلىۋېتىپتۇ.
سېمىزلىك مەسىلىسى مېكسىكىنىڭ ئاممىۋىي ساغلاملىق كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بالىلار بارغانسېرى سەمىرىۋېتىپتۇ، يۈرەك كېسىلى ۋە دىئابت كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈۋاتقانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ.
ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا شىتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سېمىزلىك كېسەللىكى مۇتەخەسىسى بارى.پوپكىن مېكسىكىلىقلارنىڭ سېمىزلىك كېسىلىگە گرىپتار بولۇۋاتقانلىقىنى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئەرزان، شېكەرلىك ئىچىملىك ۋە تېز تاماقخانا يېمەكلىكلىرىنى بارغانسېرى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇنداق ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئاللىقاچان يېڭى كۆكتات-مېۋىلەر بىلەن تەييارلىنىدىغان ئۆي تائاملىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەۋاتقانلىقىدەك سەۋەبكە يىغىنچاقلىدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار