باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىگە كىردى، جايلار قىيان، لاي-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كىرىشتى

2013.07.12 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىگە كىردى، جايلار دەريا ئېقىنى، سۇ ئامبىرى، ئۆستەڭ، قاناللارنىڭ خەتەر ئاسان يۈز بېرىدىغان بۆلەكلىرى، قىيان ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلار قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى تەكشۈرۈش ۋە چارىلاشنى كۈچەيتتى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قىيان، لاي-شېغىللىق ئېقىن، سېيرىلما قاتارلىق تەبئىي ئاپەتلەردىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  شىنجاڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش باش قوماندانلىق شىتابى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى رايونلار ئارقا-ئارقىدىن تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىككى قېتىملىق زور يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان قىسمەن قارا يامغۇرلۇق كەلكۈن ۋە قارا يامغۇر قىيانىغا دۇچ كېلىپ، يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىكى، سۇ ئىنشائاتى، قاتنىشى ۋە ئاممىنىڭ مال-مۈلىكىگە خېلى ئېغىر زىيان يەتتى.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى بىلەن قىسمەن قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيلىك يامغۇر يېغىشتەك ناچار ھاۋارايىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، نۇقتىلىق ھالدا تەڭرىتاغنىڭ ئىككى تەرىپى، ئىلى دەريا ۋادىسى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى چوڭ-كىچىك ئېقىنلاردا قىسمەن قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئوتتۇرا-كىچىك دەرىجىدىكى كەلكۈن ۋە ناچار ھاۋارايى جەريانىدا يۈز بېرىدىغان قىيان، لاي-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئېلىش زۆرۈركەن؛ كوئىنلون تېغىنىڭ شىمالىي تۆپىلىكىدىكى ھەرقايسى چوڭ دەريا-ئېقىنلاردا نۇقتىلىق ھالدا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەپ قار ئەگىزى كەلكۈنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر ئىكەن. (مۇخبىر: سەي گودوڭ)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار