باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىچۇەن ئۆلكىسى دۇجياڭيەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپىتىدە 18 ئادەم قازا قىلىپ، 107 ئادەم يوقاپ كەتتى

2013.07.12 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل دۇجياڭيەندىن بەرگەن خەۋىرى: ئۈچ كۈندىن بۇيان ياغقان قاتتىق يامغۇر چېڭدۇنىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارىغا تەڭلەشكەچكە، سىچۇەن ئۆلكىسى دۇجياڭيەن شەھىرىنىڭ جۇڭشىڭ بازىرىدىكى ئەزەلدىن گىيولوگىيەلىك ئاپەت خەۋپى بولمىغان رايوندا تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپىتى يۈز بېرىپ، 1 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىر تاش-توپا گۆمۈرۈلۈپ چۈشتى. چېڭدۇ شەھەرلىك پارتكوم ئاپەت نەق مەيدانىغا يېقىن جايدا قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزدى، نۆۋەتتە 400دىن ئارتۇق ئادەم خەتەرلىك رايوندىن يۆتكەپ چىقىلدى، قۇتقۇزۇش جەريانىدا 18 جەسەت بايقالدى، دۇجياڭيەن شەھىرى بويىچە يوقاپ كەتكەنلىكى ۋە ئالاقىلاشقىلى بولمىغانلىقى تىزىملىتىلغانلار 107گە يەتتى. (شياۋ لىن، يې جيەنپىڭ، جياڭ زوپىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە