باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا 39 گرادۇسقا چىقىپ، 3 ئادەم ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆلگەن

2013.07.12 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەيۋەن «جۇڭگو رادىئو ئاخبارات تورى»دا خەۋەر قىلىنىشىچە، ياپونىيەدە نەچچە كۈندىن بېرى تېمپېراتۇرا ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ، قاتتىق ئىسسىققا چىدىغىلى بولماي قالغان. ياپونىيە مېتىرولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ كۆزىتىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن كېيىن، ياماناشى ناھىيەسى ۋەكوشۇ شەھىرىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا 39.1 گرادۇسقا يەتكەن. بۇ ھەم ياپونىيە مۇشۇ يىل يازدا تۇنجى قېتىم ئۆلچىگەن 39 گرادۇستىنمۇ ئېشىپ كەتكەن يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھېسابلىنىدۇ. شۇ كۈنى سايتاما ناھىيەسى ۋە نىگاتا ناھىيەسى قاتارلىق يەرلەردە جەمئىي 3 ئادەم ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتەك ئالامەتلەر سەۋەبىدىن ئۆلگەن.

  ياپونىيە مېتىرولوگىيە ئىستانسىسى تۈنۈگۈن ياپونىيەدىكى 927 كۆزىتىش نۇقتىسى ئىچىدە 94 نۇقتىدىكى ئۆلچەنگەن تېمپېراتۇرا 35 گرادۇستىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئالدىنقى شەنبە كۈنىدىن بۇ ھەپتىگىچە بولغان مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەخمىنەن 3000 غا يېقىن ئادەم ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالانغان ، داۋالانغان ئادەم سانى ئۆتكەن يىلدىكىنىڭ 2 ھەسسىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ تېمپېراتۇرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلىشى تۈپەيلىدىن بەدەننىڭ تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ماسلىشالمىغانلىقىدىن بولغان. ( مۇخبىر ليۇ روڭ )

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار