ئىككى ھەپتە ئايرىپ كۆزىتىلگەن ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئامما بىلەن ئاشكارا يۈز كۆرۈشتى
2013.07.12 16:06 مەنبە: خەلق تورى
11-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، كۆك رەڭلىك مەشىق كىيىمى كىيگەن نيې خەيشېڭ، جاڭ شياۋگۇاڭ، ۋاڭ ياپىڭلار تەبەسسۇم بىلەن كىشىلەر ئالدىدا پەيدا بولدى. بۇ «خاسىيەتلىك كېمە-10» ناملىق ئالەم كېمىسى ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئىككى ھەپتىلىك تېببىي ئايرىپ كۆزىتىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئامما بىلەن كۆرۈشۈشى ھېسابلىنىدۇ. (يۈ جيەنبىن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمسىى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە