يېقىندا ، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ، مەركەز شىنجاڭنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 120 مىليون يۈەن مەبلەغ چۈشۈرگەن ، بۇ ياردەم مەبلىغى غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن .
يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى 25 خىل ، 90 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى . بۇ قېتىم چۈشۈرۈپ بەرگەن مەبلەغ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 10 يېزا (بازار) قاراماي يولى تۈر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىكەن ، قۇرۇلۇش مۇساپىسى 196.7 كىلومېتىر بولۇپ ، 12 يېزا-بازار ، 11 كەنت تاشيولىنى راۋانلاشتۇرۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىكەن ۋە ياخشىلىنىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، 2003-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرغاندىن بۇيان ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىز يېزا تاشيولىغا 30 مىليارد 715 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، يېزا تاشيولىدىن جەمئىي 78 مىڭ 969 كىلومېتىر يولنى يېڭىدىن ياسىغان ياكى ئۆزگەرتىپ ياسىغان ، بۇنىڭ بىلەن 550 يېزا (بازار) ، 6298 مەمۇرىي كەنتنىڭ قاتناش شارائىتى ياخشىلانغان . 2013-يىلى ئىككى مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئۈچ مىليارد يۈەنگىچە مەبلەغ سېلىپ، 4800 كىلومېتىر مۇساپىدىكى تاشيولنى داۋاملىق ياساشنى ھەمدە ئۆزگەرتىپ ياساشنى پىلانلىغان .