خۇش خەۋەر! ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى ئېچىلدى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى ۋېيشىندىلا بېجىرگىلى بولىدۇ
2020.08.07 16:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھوقۇق-مەنپەئەتىنى خاتىرىلەش تالونىنى تەكشۈرۈش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاش، ئىشسىزلىق تەمىناتىنى ئىلتىماس قىلىش....... يېقىندا، «ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى» ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى رەسمىي تورغا چىقتى، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار APPنى چۈشۈرمەيلا تېزلىكتە ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى «新疆人社12333» ئارقىلىق، «电子社保卡» ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرسەتتى.
ۋېيشىندا «电子社保卡» ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسىنى ئىزدەپ ئىشلەتسىلا بولىدۇ. نۆۋەتتە، «ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى» ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسىنىڭ نومۇر، كىنىشكە كۆرسىتىش، ئىزدەش قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەتلىرى ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھوقۇق-مەنپەئەتىنى خاتىرىلەش تالونىنى تەكشۈرۈش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاش، ئىشسىزلىق تەمىناتىنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق 35 تۈرلۈك مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇلازىمەتنى تەكشۈرگىلى بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ