مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

داۋالاش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئاغرىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزىمىز، داۋالايمىز

2020.08.07 16:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى جېڭ رۇيچياڭ:

  داۋالاش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئاغرىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزىمىز، داۋالايمىز

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى بىرىنچى ۋاقىتتا خۇبېي قاتارلىق جايلاردا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىي جېڭىگە قاتناشقان، مول تەجرىبىگە ئىگە دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نۇرغۇن تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايوندىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  8- ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 10دا، مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى جېڭ رۇيچياڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە دىياگنوز قويۇۋاتاتتى، بولۇپمۇ ئېغىر تىپتىكى، خەتەرلىك ئېغىر تىپتىكى ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىر - بىرلەپ تەھلىل قىلىپ، داۋالاش لايىھەسىنى تەڭشەۋاتاتتى. «بۇ ئاغرىق كەلگەندە كېسەللىك ئەھۋالى ئەڭ ئېغىرلارنىڭ بىرى ئىدى، ساپ ئوكسىگېن سۈمۈرگەن ئەھۋالدا، ئوكسىگېننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسىمۇ ئاران %70 ئىدى، ئاغرىقنىڭ يۈرىكى ھەر ۋاقىت سوقۇشتىن توختاپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.» جېڭ رۇيچياڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق ICU قوبۇل قىلىپ داۋالاۋاتقان بىر خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەھلىل قىلدى.

  بۇ ئاغرىقنى ئۆلۈم گىردابىدىن قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، جېڭ رۇيچياڭ ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بۇرۇن ئارقىلىق يۇقىرى ئېقىم مىقدارىلىق ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەشتىن جاراھەتسىز نەيچە كىرگۈزۈش، جاراھەتلىك نەيچە كىرگۈزۈشكىچە، يەنە دۈم ياتقۇزۇپ نەپەسلەندۈرۈشنى يولغا قويۇشقىچە بولغان داۋالاش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ئەلالاشتۇردى، ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانمىدى، جېڭ رۇيچياڭ شۇ ھامان ئاغرىققا ECMO (بەدەن سىرتقى پەردىسى ئۆپكە ئوكسىگېن بىرىكمىسى) بىلەن داۋالاشنى يولغا قويدى ھەم ئۆزى بىۋاسىتە ئاتلىنىپ نەيچە كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشتىكى ئەڭ خەتەرلىك مەشغۇلاتنى ئېلىپ باردى.

  كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئارقىلىق، ھازىر بۇ ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك يېنىكلەپ، ۋاقتىنچە خەتەردىن قۇتۇلدى، تۈرلۈك ھاياتلىق ئالامەتلىرى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. جېڭ رۇيچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «نۆۋەتتە، ECMO ئاپپاراتى ئېلىۋېتىلدى، ئەگەر بۇ بىر - ئىككى كۈندە كېسەللىك ئەھۋالىدا باشقا ئۆزگىرىش بولمىسا، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىغىلى بولىدۇ».

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئەڭ بۇرۇن ۋۇخەنگە شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلارغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن دۆلەت ئېغىر كېسەللىك تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۇبېي خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى جېڭ رۇيچياڭ ۋۇخەندە 109 كۈن قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، باشقا يەتتە ئېغىر كېسەللىك مۇتەخەسسىسى بىلەن ۋۇخەندىكى يەتتە دوختۇرخانىدا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاغرىقنى قۇتقۇزۇپ داۋالىدى. 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جېڭ رۇيچياڭ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال ئالدىنقى قاراردا يېتىپ بارغان چيۇ خەيبو، دۇ بىندىن ئىبارەت ئىككى ئېغىر كېسەللىك مۇتەخەسسىسى بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا قوبۇل قىلىپ داۋالاۋاتقان ئېغىر ئاغرىق، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىر - بىرلەپ تەھلىل قىلدى ھەم قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى دەرھال قانات يايدۇردى.

  «ئېغىر كېسەللىك تېببىي دوختۇرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئېغىر تىپلىق ۋە خەتەرلىك ئېغىر تىپلىق ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مەسئۇلىيىتىمىزدۇر، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشتۇر، بۇ، بىزنىڭ جەزمەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز.» جېڭ رۇيچياڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئېغىر كېسەللىك تېببىي كۈچى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قۇتقۇزۇش - داۋالاش كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ داۋالايمىز، دېدى. نۆۋەتتە، ئۇ تۇرۇشلۇق ICU كېسەللەر رايونىدىكى ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملىشىشقا يۈزلەندى.

  جېڭ رۇيچياڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئەگەر گۇمانىي كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە ياكى ئىلگىرى قويۇق ئۇچرىشىش تارىخى بولسا، تېزدىن مەھەللىگە دوكلات قىلىپ، مۇناسىپ ئىلغاپ تەكشۈرتۈشى ۋە داۋالىنىشى كېرەك؛ ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال بولمىسا، ئائىلىدە ئۈنۈملۈك ئايرىش تەدبىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىشى كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى تەڭ چىڭ تۇتقاندىلا، يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ