خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەخسۇس جازا تەسىس قىلىنىپ، كىشىلەر قەدىمىي شېئىر-نەزمە ئەسەرلىرىنى ئەستايىدىل كۆرمەكتە.
ئىككى كۈننىڭياقى، ئۈرۈمچىدىكى كىتابخانىلارنىڭ بازارلىق كىتابلار رايونىدا يېڭى بىر مەزمۇن كۆپەيدى، ئۇ بولسىمۇ قەدىمىي شېئىر-نەزمە ئەسەر-كىتابلىرى. بۇنىڭ سەۋەبى ئىشلىنىشى ۋە مەزمۇنى ناھايىتى خىل بولغان بىر تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرىسال پىروگراممىسى «جۇڭگو شېئىر-نەزمە مۇسابىقىسى» كىشىلەرنىڭ قىزغىن مۇلاھىزە قىلىشىنى قوزغىدى. «شېئىر-نەزمىلەر» كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا سۆزلىشىدىغان سۆزى بولۇپ قالغاچقا، ئاز بولمىغان كىتابخانىلار قەدىمىي شېئىر-نەزمىلىرى مەخسۇس جازىسى تەسىس قىلغان. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى دوستلۇق يولىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسى «شېئىر-نەزمە كىتابلار يىغىندىسى» مەخسۇس جازىسىدىن كۆرۈشىچە، جازىدا قاپىيەلىك شېئىرلار، كىلاسسىك كىتابلار قاتارلىق ئەسەرلەر بولۇپ، كىشىلەر ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل ۋاراقلاپ كۆرۈۋاتاتتى. كىتابخانا خىزمەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «جۇڭگو شېئىر-نەزمە مۇسابىقىسى»نىڭ قىزغىن يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېقىندىن بۇيان قەدىمىي شېئىر-نەزمىگە ئائىت كىتابلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى