باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيىسىدە يېزىلارنىڭ كوللىكتىپ مەبلىغىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى

2015.05.05 09:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز راھىلەتوختى خەۋىرى: كۇچاناھىيەسى يېزا-بازار،كەنىتلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ،كەنىتلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى بۇلتۇرقىدىن 12مىليون يۈەن كۆپەيتتى.

  كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل «كەنىت مالىيەسىنى يېزا باشقۇرۇش» ،«يېزا مالىيەسىنى ناھىيە باشقۇرۇش»،«يېزا-بازار ،كەنىت كادىرلىرى ۋەزىپىدىن ئايرىلغاندا مالىيە ھېسابات مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش» ،تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇپ،كوللېكتىپ ئىگىلىگىدىكى يەر،مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئاممىغا ئاشكارلاپ،يېزا-بازار كەنىتلەرنىڭ كىرىم-چىقىمىنى باشقۇرۇش،نازارەت قىلىشنى كۈچەيىتتى.يېزا،بازاركەنىت كادىرلىرى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش پونكىتلىرىنىڭ خادىملىرىدىن 530ئادەم/قېتىم كىشىنى پارتىيە ئىستىلى،پاكلىق قۇرۇلۇشى،مالىيە باشقۇرۇش بىلىملىرى ۋە باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەربىيىلەپ،ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادنى باشقۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيىتتى.كادىرلار ئاساسى قاتلامغا بېرىش،ئىستىل ئۆزگەرتىش،ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ،يېزا-بازار،كەنىتلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىلكىدىكى مەبلەغ،تېرىلغۇ يەرۋە باغ-ئورمانلارنى ئېنىقلاپ ۋە ئارخېپلاشتۇرۇپ،باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى.ئامما ئىنكاس قىلغان كوللېكتىپ ئىقتىسادقامۇناسىۋەتلىك قىيىن،قىزىق نۇقتا مەسىللىرىنى ناھىيە رەھبەرلىرى قۇبۇل قىلىش،ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ،بۇ يىل 5-ئاينىڭ بېشىغىچەكوللېكتىپ ئىلكىدىكى مەبلەغ،تېرىلغۇ يەر،ۋە باشقا مال-مۈلۈكلەرگەچېتىلىدىغان ئەرىز ئىنكاستىن 76پارچىسىىگە تەكشۈرۈپ جاۋاپ قايتۇرۇپ،ئاممىنىڭ دەرىجە ئاتلاپ ئەرىزقىلىش نىسبىتىنى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %16كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتتى .كوللېكتىپنىڭ مال-مۇلكىنى ئىشلىتىش ۋە ھۆددە بېرىشتە،پارتىيە ئەزالىرى ۋەئامما ۋەكىللىرى قۇشۇلغاندىن كېيىن ئىشلىتىش،ھۆددە بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،كوللېكتىپ ئىلكىدىكى تېرىلغۇ يەر،باغ-ئورمان،ئوتلاق،قاقاسلىقتىن پايدىلىنىش،كۆكەرتىش بويىچە ئاشكارە خېرىدار چاقىرىش يولى بىلەن،ھۆددە بېرىپ،كەنىتلەرنىڭ كوللېكتىپ جۇغلانمىسىنى بۇلتۇرقىدىن 12مىليون يۈەن ئاشۇردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر