خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:28-فېۋرال،مەركىزى مەنىۋى-مەدەنىيلىككە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئاچقان مەملىكەت بويىچە مەنىۋى- مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەقدىرلەش ۋە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش يىغىنىدا، شىخەنزە شەھىرى مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەتلىك شەھەر بولۇپ باھالاندى بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، 8- شى شىخەنزە شەھىرى پارتكوم شۇجىسى، 8- شىنىڭ كومىسسارى شۈ جىشىن تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات تارقاتتى. ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن مەدەنىيەتلىك شەھەر ئىچىدە ناھىيە دەرىجىلىك شەھەردىن پەقەت ئىككىسى بار بولۇپ، يەنە بىرسى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جىيۈەن شەھىرى ئىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى