باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى ساييولىدىن، تاشقى ئايلانما يولىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى

2015.02.06 09:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى 6-فېبرال خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەت) ئۈرۈمچىدىكى شەخسىي ئاپتوموبىلى بارلار بۇندىن كېيىن يىلىغا 1220 يۈەن تېجىيىلەيدىغان بولدى، ئۈرۈمچى شەھىرى 4 – فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 2015– يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ساييولىدىن، تاشقى ئايلانما يولىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  ئاخارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىبى شياۋ يوڭ مۇنداق دېدى: ساييولىنىڭ، تاشقى ئايلانما يولىنىڭ ھازىر يەنىلا 10 مىليارد 32 مىليون يۈەن قەرىز ئۆسۈمى قايتۇرۇپ بولۇنمىدى. ھەق ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ پۇلنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر مالىيەسىدىن كۆتۈرىدۇ. بۇرۇن 2015 – يىللىق ساييولى، تاشقى ئايلانما يول يۈرۈش ھەققىنى تاپشۇرغانلارغا پۇل قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، تەپسېلى قايتۇرۇپ بېرىش لايىھىسى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىشىمچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 1999 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ ساييولىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىشنى يولغا قويۇپ، ھەق ئېلىش مۇددىتىنى 20 يىل قىلىپ، 2004 – يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ تاشقى ئايلانما يولىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىشنى يولغا قويۇپ، ھەق ئېلىش مۇددىتىنى 30 يىل قىلىپ، بۇ ئىككى يولنىڭ يول يۈرۈش ھەققى چوڭ ئاپتوموبىللارغا 1450 يۈەن، كىچىك ئاپتوموبىللارغا 1220 يۈەن قىلىپ، سىرتتىن كەلگەن ئاپتوموبىللارغا كۈنىگە قاراپ ھەق ئېلىش بېكىتىلگەن ئىكەن.

  ئەسلەتمە: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ساييولى 1965 – يىلى تۇنجى قېتىم ياسالغان بولۇپ، 1966 – يىلى چاغاندا ئۇزۇنلۇقى 7.6 كلومېترلىق ساييولى پۈتۈپ قاتناش يولغا قويۇلغان. 1975- يىلى بۇ يول 2 – قېتىم ياسىلىپ، يول ئۇزۇنلۇقى 20 كلومېترغا يەتكۈزۈلگەن. 1995 – يىلى ئاپرېلدا ئۈرۈمچى شەھىرى 1 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇ يولنى زامانىۋىلاشقان يولغا يەنى يول بويىدا گۈللۈك بار، باغلانما كۆۋرۈكلۈك يولغا ئايلاندۇرغان. 1998 – يىلى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22.38 كلومېترلىق ساييولىدا ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلانغان. ھازىر ساييولى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ %47 قاتناش مىقدارىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كۈنىگە بۇ يولدا 300 مىڭ ئاپتوموبىل (قېتىم) يول يۈرىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر