باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر خۇاڭ دىنەن بىلەن كۆرۈشتى

2015.01.16 12:44         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى شۆھرەت زاكىر 14 – يانۋار شاڭخەي ئېلېكتىر (گۇرۇھى) باش شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر خۇاڭ دىنەن بىلەن كۆرۈشتى.

  شاڭخەي ئېلېكتىر (گۇرۇھى) باش شىركىتى ئېلىمىزنىڭ ماشىنىسازلىق سانائىتىدىكى مەھسۇلاتىنىڭ سېتىلىشى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان جابدۇقچىلىق گۇرۇھى، ئېلىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەش شىركىتى. ‹‹ئاسىيادىكى 500 كۈچلۈك داڭلىق مەھسۇلات››نى باھالاشتا، شاڭخەي ئېلېكتىر (گۇرۇھى) باش شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ماشىنىسازلىق تۈرىدىكى مەھسۇلات نامى بويىچە بەشىنچى ئورۇندا، ئېلىمىزدىكى ماشىنىسازلىق تۈرىدىكى مەھسۇلات نامى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى داۋاملىق ئېشىپ، دۆلەت ئىچى توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى زور دەرىجىدە كېمىيىپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش تۈرى زور مىقداردا ئازايدى، لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىسمەن مۇھىتىدا توك ئىشلىتىش مىقدارى داۋاملىق مۇقىم ئاشماقتا. شاڭخەي ئېلېكتىر (گۇرۇھى) باش شىركىتى ئېلىمىزنىڭ جابدۇقچىلىقىدىكى باشلامچى كارخانا، ئاپتونوم رايونىمىز مول بايلىق ئەۋزەللىكىگە، شاڭخەي ئېلېكتىر (گۇرۇھى) باش شىركىتى ئىلغار تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ئىككى تەرەپ ئەۋزەللىكلىرى بىلەن بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش، توك مەنبەسى نۇقتىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا شۆبە شىركەت قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. شاڭخەي ئېلېكتىر (گۇرۇھى) باش شىركىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى كارخانىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىياغا يۈزلىنىشىدىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايون يەنىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزاق ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  خۇاڭ دىنەن مۇنداق دېدى: شاڭخەي ئېلېكتىر (گۇرۇھى) باش شىركىتى شىنجاڭ بازىرىدىكى زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە پائال قاتنىشىپ، شىنجاڭنى كارخانىنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى بازا قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق تەڭ پايدا ئېلىشنى تېزلىتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر