باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پەيزاۋات باش مەيدانىدا قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسى كۈچەيتىلدى

2015.01.16 10:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سەمەت ئابلىز، قۇربان ئابلا خەۋىرى، فوتوسى: بىڭتۇەن 3- شىسنىڭ پەيزاۋات باش مەيدانى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى مەيداندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرنىڭ قانۇن-تۈزۈمگە ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۇگىتىپ، تىنچ- ئامان تۇەن (مەيدان) قۇرايلى» دېگەن تېمدا قانۇن بىلىملىرىدىن لېكسيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە 3-شى تەپتىش مەھكىمىسدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچلار «ئاساسىي قانۇن»،«جىنايى ئىشلار قانۇنى»، « ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردىن لېكسيە سۆزلەپ، تىپىك دىلو مىساللىرىنى چۈشەندۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنىڭ خەلىققە، جەمئىيەتكە ۋە دۆلەتكە كەلتۈرگەن زىيىنىنى بايان قىلىپ، ئاممىنى ئىلىم – پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلشقا دەۋەت قىلدى.

  11-لىيەننىڭ ئىشچىسى ئىمىنجان سەيدىن مۇنداق دىدى: ھازىر جەمئىيەتتە بىر ئوچۇم قارا نىيەتلەر دۆلەتنىڭ قانۇن–نىزاملىرىنى كۆزگە ئىلماي قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ياشلارنى ئېزىقتۇرۇپ يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلدى؛ بىز چوقۇم قانۇنغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيە-ھۆكمەت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، تىنچ– ئامان تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز كېرەك.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر