باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇرغا ناھىيەسى ئاممىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى

2015.01.16 10:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: يوپۇرغا ناھىيەسى بۇلتۇر تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق 588 مىليون 900 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ غەملەپ شەھەر-يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، كۆكتات-گۆشنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى قۇرۇش، ئەمىن ئۆي، رادىيو-تېلېۋىزىيە، داۋالىنىش، قاتناش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قۇرۇلۇشى، كەنت بازا قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئون چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىنى تاماملاپ، بۇلتۇر يىل بېشىدا ئاممىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

  يوپۇرغا ناھىيەسى بۇلتۇر يىل بېشدىن بۇيان دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس تۈر يارىدىمى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ساھەلەر يارىدىمىدە 3200 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاپ، پۈتۈش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزۈپ، 2720 ئائىلىلىك دېھقاننى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ خاتىرجەم ماكانلاشتۇردى ھەمدە تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق 22 مىليون 304 مىڭ يۈەن مەبلەغ غەملەپ، ناھىيە بويىچە 4224 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئۆي تېمىنى رەڭلىك بېزەپ كۆركەملەشتۈردى ۋە ئۆي تېمىنىڭ ئەتراپىنى، دەرۋازا ئالدىدىن چوڭ يولغا تۇتۇشىدىغان يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ ھەم چوڭ-كىچىك كۆۋرۈكلەرنى ياساپ مەدەنىي، گۈزەل ئائىلىلەرنى بەرپا قىلدى. 280 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ 169 مىڭ كۋادىراتمېتىر كۆلەمدە 4144 يۈرۈش ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي سېلىپ، كەپىلىك ئۆيلەردىن كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەر ۋە شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئائىلىلىرىدىن 3200 دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دېھقان ئائىلىلىرىگە 38 مىڭ يۈرۈش رادىيو-تېلېۋىزىيەنى سۇنئىي ھەمراھتىن قوبۇللاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ، يېزىلارنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئايرىم ھالدا %95 ۋە %98 كە يەتكۈزۈپ، دېھقانلارنى 73 قانالدا تېلېۋۇزۇر كۆرۈش،20 دىن ئارتۇق قانالدا رادىيو ئاڭلاش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلدى. شەھەر ئىچىدە كۆكتات، گۆشنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى قۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ 965 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە ناھىيە مالىيەسىدىن 135 مىڭ يۈەن يانداشتۇرۇپ، ئاھالىلەر رايونىدىن 9 ئورۇنغا كۆلىمى 75 كۋادىرات مېتىردىن كۆكتات، گۆشنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى قۇرۇپ ۋە توڭلىتىش، مال تىزىش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ بېرىپ، ئاممىنىڭ ئەرزان باھالىق، يېڭى كۆكتات، گۆش ئىستېمال قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىش، كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىش، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، يول قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا 220 مىليون 930 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كونا شەھەر رايونىدا 7.24 كىلومېتىر ئوزۇنلۇقتىكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسىنى يېڭىلىدى. 9 كىلومېتىر ئوزۇنلۇقتا سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىش تۇرۇبا لىنىيەسى تۈرىنى تاماملىدى. 15 كىلومېتىر ئوزۇنلۇقتا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ئورناتتى. يېڭى شەھەر رايونى ۋە كونا شەھەر رايونىدا 16 كىلومېتىر ئوزۇنلۇقتىكى قاتناش ۋە پىيادىلەر يولىنى يېڭىدىن ياساپ ۋە ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ھەر جەھەتتىن قولايلىق ئېلىپ كەلدى. ناھىيە، يېزا-بازار دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئىلغار دىئاگىنوز قويۇش، داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ، ئاممنىڭ داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلاپ بەردى. 45 مىليون 454 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 30 كەنت تەشكىلاتىنىڭ 41 مىڭ 378 كۋادىراتمېتىر كۆلەمدىكى يول، مەدەنىيەت مەيدانلىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ ۋە يورۇقلاشتۇرۇپ بەردى ھەمدە 87 كەنتتە 522 يۈرۈش كادىرلار ياتىقى، داۋالاش ئۆيى، ساقچى ئىشلىرى ئۆيى سېلىپ ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئەسلھەلىرىنى ئورنىتىپ بەردى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر