باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن 32 پارتىيەلىك كادىر ھەج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش داۋامىدا قانۇن–ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2015.01.16 12:42         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى قانۇن – ئىنتىزامغا ئاساسەن، ئەنۋەر تۇردى قاتارلىق 32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ ھەج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش، خىزمەتتىكى ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، ھوقۇق – پۇل سودىسى قىلىش قاتارلىق قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى(دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)نىڭ سابىق كۆزەتكۈچىسى، ھەج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى ئەنۋەر تۇردىغا پارتىيەدىن قوغلاش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلدى؛

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ شىنجۇڭغا پارتىيەدىن قوغلاش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلدى؛

  ئاتۇش شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى يالقۇنجان تۇردىغا پارتىيەدىن قوغلاش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلدى؛

  ئاتۇش شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شۇجياڭغا پارتىيەدىن قوغلاش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلدى؛

  ئاتۇش شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مۇختەر مەمەتكە پارتىيەدىن قوغلاش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلدى؛

  ئاتۇش شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى(دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر مىجىت داۋۇتقا پارتىيەدىن قوغلاش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلدى.

  يۇقىرىقى ئالتە كىشىنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىلدى.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى(دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر جاۋ پىڭغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى؛

  ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىلىق پارتكومىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ خادىمى ئەسقەر ساۋۇتقا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى؛

  ئاتۇش شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر ۋۇ لىن، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ‹‹بەخت››كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر مەمەتئېلى ئابلىزغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى؛

  ئاتۇش شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەقتەم ئابدۇللامۇتقا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، چوڭ گۇناھ يېزىش چارىسى كۆرۈلدى؛

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىمام روزى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى، مۇئاۋىن شۇجىسى يۈسۈپجان مەمەت، ئاتۇش شەھەرلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھىدايتۇللا تۇرسۇن، ئاتۇش شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى(دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى شى شىنلى، ئاتۇش شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شياۋ فاڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى؛

  ئاتۇش شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لى چۈنمىڭ، ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ دۇڭۋېي، ئاتۇش شەھەرلىك يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئالىمغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى؛

  ئاتۇش شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئوسمانجان يۈسۈپ، ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈنئاتۇش بازارلىق پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بازار باشلىقى ما ۋېنگاڭ، ئاتۇش شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ خادىمى جۇڭ چۇڭۋېيغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى؛

  ئاتۇش شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى(دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)نىڭ بۆلۈم خادىمى غالىپجان مەمەتكە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى؛

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئەسقەر قاۋۇل، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىقتىساد – ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر پەيزۇللا مەمەت، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پەن – تېخنىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مۇختەر ئابلىمىت، ئاتۇش شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ياڭ لىشىن، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى توختى ئېزىز، ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈنئاتۇش بازىرىنىڭ باشلىقى مىجىت سۇلتان، ئاتۇش شەھەرلىك بىخەتەرلىككە نازارەت قىلىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى روزى مەمەت، ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىلىق پارتكومىنىڭ ئەزاسى مۇتەللىپ ئاخۇن، ئاتۇش شەھەرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تۇرغۇنجان ئابلىمىت ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىدلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر