باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۈچۈن ئىجابىي كۈچ تارقاتقۇچىلاردىن بولايلى

2014.12.11 16:48         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹جۇڭگو تۇراقلىق ئىبارىلەر مۇسابىقىسى›› پىروگراممىسى رەسمىي قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدىن كەلگەن داۋۇلجان ئېرخالىق مۇسابىقىدە تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى دەل جايىدا، توغرا يېشىپ، مەملىكەت بويىچە 12 – بولۇپ باھالىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆرۈرمەنلەرگە خەنزۇ تىلى جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا 147 نومۇر ئېلىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي پەن بويىچە 1 – بولۇپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان داۋۇلجان كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹تالانتلىق شىنجاڭلىق››، دەپ تەرىپلەندى.

  جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا داۋۇلجان بىلەن بىللە ئوقۇغان يۈ جيې مۇنداق دېدى: داۋۇلجاندا جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان چاغدىلا مۇشۇنداق ئاڭ پەيدا بولغان، ئۇ ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئۇ دائىم ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتىمىز ئۆزىمىزگىلا ئەمەس، پۈتكۈل شىنجاڭ خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەيتتى.

  داۋۇلجاننىڭ ئاتىسى ئېرخالىق مۇنداق دېدى: پەخىرلىك ئوغلۇم داۋۇلجان مۇسابىقىگە قاتناشقاندا، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە قوشنا – قولۇملار ھەر كۈنى دېگۈدەك تېلېۋىزور ئالدىدىن نېرى كېتەلمىدۇق. كۆپچىلىك داۋۇلجان قۇتۇبى خەلقىگە، شىنجاڭلىقلارغا شان – شەرەپ كەلتۈردى! دەپ تەرىپلەشكەندە، گويا بېشىم كۆككە تاقاشقاندەك بولدى، دېدى.

  داۋۇلجان ‹‹جۇڭگو تۇراقلىق ئىبارىلەر مۇسابىقىسى››دە شۆھرەت قازاندى

  بۇ يىل مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹جۇڭگو تۇراقلىق ئىبارىلەر مۇسابىقىسى›› پىروگراممىسىدا 24 ياشلىق داۋۇلجان ئېرخالىق 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تىزىمغا ئالدۇرغان، 8800 دىن ئارتۇق تۇراقلىق ئىبارە ئىشلىتىلگەن، 300 دىن ئارتۇق كىشى تاللانغان مۇسابىقىدە 12 كۈچلۈك ماھىر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

  شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە بىر ئاددىي قازاق ئائىلىسىدە تۇغۇلغان داۋۇلجان ھازىر بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە – مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنستىتۇتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقتا.داۋۇلجان يەنە بىر تەربىيەلەش ئورنىدا قوشۇمچە تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 –، 6 – يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىۋاتىدۇ.

  خەنزۇ تىلىغا ئىشتىياق باغلاش

  داۋۇلجان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا خەنزۇ تىلىدا تەلەپپۇز قىلىشتا قىينالغانىدى.

  ئانىسى خالىيا موكەن ئۇنىڭغا دائىم دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ خەنزۇ تىلىغا ئىشتىياق باغلىشىغا تۈرتكە بولغان.

  خالىيا داۋۇلجانغا كۈندىلىك خاتىرە، ماقالىلەرنى خەنزۇچە يازدۇرغان ھەم ياخشى يېزىلغان ماقالىلىرىنى گېزىت – ژۇرناللارغا ئەۋەتىپ بەرگەن.

  داۋۇلجان: باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا يازغان‹‹چىۋىننىڭ سوتلىنىشى›› سەرلەۋھىلىك بالىلار چۆچىكىم بىر ماقالىلەر توپلىمىدا ئېلان قىلىندى. بۇ تۇنجى ئەسىرىم كېيىنكى كۈنلەردە تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشىمگە تۈرتكە بولدى، ئەسەرلىرىمنىڭ گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تىل – ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ ئاشتى، دېدى.

  تىل – ئەدەبىيات دەرسىگە زور ئىشتىياق باغلىغان داۋۇلجان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىغا ساۋاقداشلىرىغا بىر سائەت تىل – ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ،ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ تەلىپىگە دەرھال قوشۇلۇپ، ئۇنىڭغا بىر تېكىستنى تاللاپ كۆپچىلىككە چۈشەندۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. داۋۇلجان بۇ بىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ماتېرىيال توپلاپ، ئەستايىدىل تەييارلىق كۆرىدۇ ھەم دەرسنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتىدۇ. خالىيا: داۋۇلجان دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى كۆرۈشكە بەكلا قىزىقىدۇ، ناھىيە بازىرىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسى ئۇ دائىم بارىدىغان جاي بولۇپ قالدى، دېدى.

  ئۇ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇپ توغرا قىلدى

  يالغۇز پەرزەنت داۋۇلجانغا نىسبەتەن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇش كىشىلىك تۇرمۇشىدىكى زور بۇرۇلۇش ئىدى. ئۇ: ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقاندا، ئاتا – ئانام يېنىمدا بولمىغاچقا، ھەممە ئىشنى ئۆزۈم قول سېلىپ قىلىشقا توغرا كەلدى، دېدى.

  ئەينى چاغدا داۋۇلجاننى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتماقچى بولغان ئاتىسى ئۇرۇق – تۇغقانلارنىڭ قايىل قىلىشى بىلەن داۋۇلجاننى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇشقا ئىمتىھان بەرگۈزدى. داۋۇلجانمۇ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغانلىقىنىڭ ئەڭ توغرا تاللاش بولغانلىقىنى ھېس قىلدى.

  داۋۇلجاننىڭ ئالىي مەكتەپ تەقلىدىي ئىمتىھانىدا يازغان بىر پارچە ماقالىسى ‹‹ئۆسمۈر يازغۇچىلار››ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى، ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تىل – ئەدەبىياتتا 147 نومۇر ئېلىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي پەن بويىچە 1 – بولۇپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە – مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. ئۇ: ئەگەر ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇمىغان بولسام، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتەلمىگەن بولاتتىم، دېدى.

  ئۇنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى

  داۋۇلجان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، بىر تەربىيەلەش ئورنىدا قوشۇمچە تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئاساسلىقى بەزى سىنلىق كۆرۈنۈشلۈك دەرسلىكلەرنى ئىشلەپ، تور ئارقىلىق 5 –، 6 – يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتتى. بۇ تەربىيەلەش ئورنىدا ئىشلىگەن ئىككى يىل جەريانىدا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 2686 گە يەتتى، توردىكى مەكتەپنىڭ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ ئوقۇتۇش مېتوتى ۋە سۈپىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئۇ ئىشلىگەن سىنلىق كۆرۈنۈشلۈك دەرسلىكنى سېتىۋېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان.ئۇنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار ئىدى.

  تىرىشچان داۋۇلجان ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى

  تىل – ئەدەبىيات ئاساسى پۇختا داۋۇلجان ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىدا ئانچە قىينالمىدى، بۇ يەنە ئۇنىڭ ھەر تەرەپتىن تولۇق يېتىلىشى ئۈچۈنمۇ پۇرسەت بولدى.داۋۇلجان مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ئەدەبىيات – سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى، ئۇنىڭ رىياسەتچىلىك ، دېكلاماتسىيە قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتى يەنىمۇ ئاشتى.

  بۇ يىل 3 – ئايدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹جۇڭگو تۇراقلىق ئىبارىلەر مۇسابىقىسى››ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقاندا، داۋۇلجاننىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەييارلانغان ساۋاقدىشى ۋاڭ فەن داۋۇلجاننىڭمۇ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ئويلىمىغان يەردىن داۋۇلجان بۇ مۇسابىقىدە 12 – بولۇپ باھالانغان.

  ‹‹جۇڭگو تۇراقلىق ئىبارىلەر مۇسابىقىسى›› مەيدانىدا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن داۋۇلجان بىلەن فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن قىز ئوقۇغۇچى لى فەن ئىنتايىن ياخشى ماسلاشقاچقا، كۆپچىلىك ئۇلارنى ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلار، دەپ تەرىپلىدى.

  داۋۇلجان بۇلتۇر شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر قەبرىستانلىققا بېرىپ،يېرىم يىل ئارخېئولوگىيە ئەمەلىيىتى ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ: شىنجاڭدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمىي يادىكارلىقلار ئىنتايىن كۆپ. بۇ، شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك تارىخى، مەدەنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەن ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمەن، دېدى.

  داۋۇلجاننىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، ئالىي مەكتەپنىڭ 4 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى›› دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان، ئوقۇشنى تاماملىغاندا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە – مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنستىتۇتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. داۋۇلجان قازاق تىلى، خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەندىن سىرت، ھازىر يەنە رۇس تىلىنىمۇ ئۆگىنىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر