باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىدىكى ئامما يېڭى ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدى

2014.07.08 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن تەربىيەسى ئەمىلىيىتى داۋامىدا، كۇچا ناھىيەسىدىكى ئورۇنلار، تارماقلار خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىي ئىشلەش، پاك بولۇشتىن ئىبارەت پائالىيەت ئومۇمىي تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىنكاسى ئەڭ جىددىي، سادا ئەڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن تەربىيەسى ئەمىلىيىتى پائالىيىتى ئېلىپ كەلگەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

  بۇ ناھىيە پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن تەربىيەسى ئەمىلىيىتى داۋامىدا شەھەر ئاھالىلىرى ئىنكاس قىلغان ئەخلەت ساندۇقىنى ئالماشتۇرۇپ، شەھەر مۇھىتىنىڭ ياخشىلاش، يول چىرىقىنى ئاسىراپ، يوللارنى يورۇقلاشتۇرۇش، ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرتىش تەس بولۇشنى ئاسانلاشتۇرۇش قاتارلىق قىزىق نوقتا مەسىلىلىرىنى دەرھال تەكشۈرۈپ، مۇشۇنداق مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقەتەن بارلىقىنى ئىگىللەپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى دەرھال تۈزىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىيۇننىڭ ئاخىرلىرىغىچە شەھەر رايونىدىكى «مەدەنىيەت» يولى، «ئازاتلىق» يولى، «ئىتتىپاق» يولى، «چاڭئەن» يولى، «خەلق» يولى قاتارلىق يەتتە يول بۆلىكىدىكى 300 ئەخلەت ساندۇقىنى يېڭىچە ئەخلەت ساندۇقىغا ئالماشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇلغان ئەخلەت ساندۇقىنى ئەخلەت ساندۇقى كەم جايلارغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى، ناھىيە يەنە ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ناھىيە بازىرىدىكى مەھەللىلەرگە ئالتە ئاممىۋىي ھاجەتخانا، سەككىز مۇھىت ئاسىراش تىپىدىكى ئاممىۋىي ھاجەتخانا سېلىپ پۈتتۈرۈشنى پىلانلىدى، خىلۋەت يول بۆلەكلىرى ۋە شەھەر بىلەن يېزا قۇشۇلغان يول بۆلەكلىرىگە 159 يول چىرىقى ئورناتتى، شەھەر رايونىدىكى يول چىراقلىرىنى رىمونىت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا جەمئىي 450 تۈرلۈك لامپۇچكا، 1350 ئېنېرگىيە تېجەيدىغان كالتەك لامپۇچكاقاتارلىقلارنى ئالماشتۇرۇپ، 4200 مېتىر كابىل يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ، يەر ئاستىدىكى سىم يېڭىلاندى، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى توك تەقسىملەش ساندۇقىنى 16 قېتىم تەكشۈرۈپ رىمونتلىدى، كۇچا ناھىيەلىك ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى تېز ئۈنۈم بېرىدىغان ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرتىشنى سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىپ بولۇش تۈزۈمى، مۇلازىمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش چارىسى، ئىشنى بىر كۆزنەكتە قۇبۇل قىلىش ۋە بىر بېكەتلىك مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمى، ئىشنى تۇنجى قوبۇل قىلغان كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزىمى قاتارلىق قاراتمىلىققا ئىگە بىر يۈرۈش تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قۇيۇپ، ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرتىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى تۈزەتتى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ناھىيەدە تۈزىتىش ئارقىلىق يېڭى كەيپىيات يارىتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسى ئەمىلىيىتى پائالىيىتى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەردىن سۆيۈندى. مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا

  مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر