باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 8–نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4–ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (2)

2014.02.14 15:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2. ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشتىكى خىزمەتلەرنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى شۇ رايوننىڭ ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ كەسپىي خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، كونكرېت خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئالاقىدار يىغىنلارنى ئېچىپ، تەڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەڭ باھالاش ۋە تەڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى مەسئۇل رەھبەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى خىزمەت تەقسىماتى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، ‹‹مەسئۇلىيەت ئېتىزى››نى ياخشى تېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى) لىرى مەركىزىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات روھى بىلەن چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈم كاپالىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، تەشكىلىي جەھەتتە چېچىلاڭغۇ، ئىنتىزامدا بوشاڭ بولۇشنى قەتئىي تۈگىتىشى كېرەك؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىنتىزام ئىجراسى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››نى بوشاشماي قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك؛ قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيەلىك كادىرلارنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشتىكى يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى ساقلىشى كېرەك؛ تەربىيە بېرىشنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنىڭ ئاشكارا، قېلىپلاشقان ھالدا يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  3. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  بۇ يىل پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتى ۋەزىپىسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچىدىن، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق – تەربىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سۈرەتمۇ، تېكىستمۇ بولۇش، ئاۋاز ۋە ئۈنۈم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ يىغىننىڭ روھىنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئەستايىدىل تەشكىللەپ ۋە يولغا قويۇپ، مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ۋە تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى)لىرى ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمى ۋە باھالاش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يىغىن ئارقىلىق يىغىننى ئىزچىللاشتۇرۇشتەك شەكىلۋازلىقتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك.

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر