باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئاسپىرانت قىزلار ‹‹ئۆزتۈرك مۇكاپاتى››نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2013.11.05 15:26         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-نۆۋەتلىك ئاسپىرانت قىزلار ‹‹ئۆزتۈرك مۇكاپاتى››نى تارقىتىش مۇراسىمى 3-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنىڭ ئىلمىي دوكلات زالىدا ئۆتكۈزۈلدى سۈرەتتە: مۇكاپاتلانغان ھەر مىللەت قىزلىرى

  ئۆز مۇخبىرىمىز توخنىياز ئىسمائىل خەۋىرى: شىنجاڭ ئۆزتۈرك خەلقئارا سودا شىركىتى پىلانلىغان ۋە ئويۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئاياللار-بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ھەمكارلاشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قوللىغان 2-نۆۋەتلىك ‹‹ئۆز تۈرك ئاسپىرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى››نى تارقىتىش مۇراسىمى 3-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنىڭ ئىلمىي دوكلات زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇراسىمغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى خەلچەم ئىسلام، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ئەيسا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمىئىيتىنىڭ باش كاتىپى چىن خۇا ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى ھەرقايسى كۆزگە كۆرۈنگەن پروفېسسور، دوكتورلار، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسىسلىرى، شۇنداقلا ھەر قايسى تاراتقۇلار، كارخانىچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

  مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى چىن خۇا خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاياللار مائارىپىنى قوللاش ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى، شۇنداقلا فوندى جەمىئىيەتنىڭ مۇھىم خىزمىتى ئىكەنلىكىنى، فوندى جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن تەڭ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ ئۆزتۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت قىز-ئاياللىرى تەرەققىي قىلسا، ئىقتىساد ۋە ئاڭ سەۋىيەسى ئۆسسە، رايونىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ئۈچۈن سېلىنغان بىر چوڭ قەدەم بولۇپ قالىدۇ، جۈملىدىن رايونىمىز ۋە كارخانىلار ئىقتىسادىي ئۈچۈن چوڭ بىر تەرەققىياتتىن دېرەك بېرىدۇ.

  شىنجاڭ ئۆزتۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئىجرائىيە دىرېكتورى تاھىر ئىمىن ‹‹ئۆزتۈرك مۇكاپاتى›› ۋە مۇكاپاتلاش شەرتلىرى، باھالاش جەريانلىرىنى يىغىن ئەھلىگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى، شۇنداقلا قىزلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا مەلىكە سۇلايمان، گۇ سۇنا، رىزا خەرەن ۋە بەي جىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق ۋە شىبەدىن ئىبارەت تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان 14 نەپەر ئاسپىرانت قىز ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ھالدا تىلشۇناسلىق، فولكلور، ئىقتىسادشۇناسلىق، سىياسىي-قانۇن، كومپيۇتېر، فىزىكا، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، بىيولوگىيە ۋە خىمىيە ساھەلىرىدە ئۈن-تىنسىز تىرىشىپ نەتىجە قازانغان ۋە ئادىمىيلىك جەھەتتىمۇ باشقىلارغا ئۈلگە بولالىغۇدەك قىزلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بۇ قىزلارغا يېتەكچى بولغان پىروفېسسور ئۇستازلار ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم قىلىپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە 5000 يۈەن نەق پۇل، شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە مۇكاپات لوڭقىسىنى تارقىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر