باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىغىن ئېچىپ، ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

2013.11.05 15:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى پېڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى

  فېڭ جىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 4 – نويابىر چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەستىق سالغان، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، باش سەنمۇبۇ، باش سىياسىي بۇنىڭ ‹‹ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چارىسى›› توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش يەتكۈزۈلۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات›› ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش›› بۇرچ ۋەزىپىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشلىرىغا يەنىمۇ مەدەت بېرىش كېرەك. ‹‹قىسىمغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش››نى مەقسەت، ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىشتەك ئېسىل ئەنئەنىسى بار. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. شىنجاڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىشتە ئۈلگىلىك رايون بولۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەتتە ئەسكەر بولۇش شەرەپلىك، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش شەرەپلىك دېگەن يېتەكچى ئىدىيەنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېگى تەكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ۋە زىددىيەت ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، كونكرت تەدبىر تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى پېڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ھەربىي رايونى بۇ قېتىمقى يىغىننى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، قىسىم كادىرلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەربىيە بېرىش ۋە يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ساقلاش مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قىسىم قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى كېرەك.

  خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، ماۋكەن سېيتقامزا، تيەن ۋېن، ۋەن خەيچۈەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر