باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› ناملىق فىلىم ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى (2)

جاڭ چۈنشيەن ئاساسلىق فىلىم ئىجادىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2014.04.29 11:01   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› ناملىق فىلىم ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى (2)

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەنىپە ئالىمئاخۇننىڭ ئىش ئىزلىرى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ، بىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ئۆگىنىشىمىز ۋە تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك. ھەنىپە ئالىمئاخۇندىكى ئانىلىق مېھىر – مۇھەببەتتە چىن مۇھەببەت، ئاق كۆڭۈللۈك تولۇق ئەكس ئەتكەن. فىلىمدە، بىر ئائىلىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان بالىلارنىڭ بىر چوڭ قازاندا تاماق يېگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ كۆرۈنۈش ئىپادىلىگەن مەنا ئىنتايىن چوڭقۇر. بۇ ئۆيدىكى چوڭ ئوغۇلنىڭ مۇشۇ چوڭ قازاننى قوغداش يولىدا قۇربان بولۇشى دەل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغانلىقىنىڭ بىر كارتىنىسىدۇر. ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئېلىپ، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشى، ئاممىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ھەرمىللەت ئاممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلىشى، ئەلنى مايىل قىلىپ، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمىدە رول ئالغان ئارتىسلار رولنى ئىنتايىن ئوبرازلىق، جانلىق، تەسىرلىك ئالغان بولۇپ، فىلىم كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىكەن. شۇڭا بۇ فىلىم كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان مېھىر – مۇھەببەت ناخشىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان مەدھىيە ناخشىسى بوپتۇ. تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى توپلىغان تۇرمۇش جۇغلانمىسى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ۋە رايون ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، تېخىمۇ تىرىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، بۇ فىلىمنىڭ قويۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، خۇاڭ ۋېي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق رەھبەرلەر فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇنىڭدىن باشقا فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن باش قەھرىماننىڭ پىروتوتىپى ھەنىپە ئالىمئاخۇن ۋە ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› فىلىمىنىڭ ئىشلىگۈچىسى، رېژىسسورى، ئاساسلىق ئارتىسلىرىمۇ مۇراسىمغا قاتناشتى.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر


  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«يانفون سىرتمىقى» غا چۈشۈپ قالغان ياشلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
      ·تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى: تۈركمەنىستان جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى …
      ·كورلا شەھىرىدە «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» خاتىرىلەندى(1)
      ·كورلا يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ئۈزگەن بالىلار باغچىسىدا بالىلارنىڭ «ئانا تىل» دا ھېكايە ئېيتى…
      ·كورلا شەھىرى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2-قېتىملىق «مەرىپەت لوڭقىسىنى تالىشىش…
      ·«ئوقۇغۇچىلار ئارقا ئىشىكتىن كىرىش» قىلمىشىنى تۈگىتىشتە، توسۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ
      ·قىرغىزىستان تۇرمۇشىدىكى جۇڭگوچە ئىستېمال 
      ·ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى قاچان ئىسلاھ قىلىنىدۇ؟ 
      ·ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسىنى ماقۇللىدى 
      ·2014 – يىللىق ئاسىيا ھۆكۈمەت خىزمىتى ئايروپىلانى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ (1)