باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نىڭشيادا ئىشتاتتا بار ئىش ئورنىدا يوقلار مەخسۇس تازىلاندى

2014.04.29 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل يىنچۇەندىن بەرگەن خەۋىرى: نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يېقىندا ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشتاتتا بار ئىش ئورنىدا يوقلارغا قارىتا مەخسۇس تۈزەش ئېلىپ باردى. تۈزەشنىڭ دائىرىسى بىلەن ئوبيېكتى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە تۈرلۈك كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشتاتنى ئىگىلەپ تۇرغان، لېكىن خىزمەتكە چىقىپ مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلمايدىغانلار بولدى. ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئىش ئورنىدا بولمىغانلارنى خىزمەتتىن بوشىتىش؛ كېسەل سەۋەبىدىن ئۇزۇن مەزگىللىك دەم ئېلىۋاتقانلارغا قارىتا، ئەھۋالىغا قاراپ پەرقلىق ھالدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش؛ «2-سەپكە چېكىنگەن»لەرنى سۈرۈك ئىچىدە تۈگىتىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئېشىپ كەتكەن رەھبەر سانىغا كادىر سەپلەپ بېرىشنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، «بىر تاياقتا ھەيدەش» ئۇسۇلى ئارقىلىق يېڭىدىن «2-سەپكە چېكىنىش» مەسىلىسىنى پەيدا قىلماسلىق؛ ساندىن ئاشۇرۇپ رەھبەر ۋە كادىرلارنى سەپلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلمىغان ئورۇنلارغا يېڭىدىن كادىر سەپلەشكە بولمايدۇ؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا رەھبەر سانىدىن ئاشۇرۇپ كادىر سەپلىگەن ئورۇنلارنى تەدرىجىي تۈگىتىش. (مۇخبىر شۈ يۈنپىڭ؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر