خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئىيۇل، دانىيە كوماندىسىنىڭ ئەزاسى يوھانسون (ئوتتۇرىدا) مۇسابىقىدە كىرودىيە كوماندىسىنىڭ ئەزاسى رېبىچ بىلەن توپ تالاشماقتا. شۇ كۈنى، تۆۋەنكى نوۋگىرادتا ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىشنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىدە، كىرودىيە كوماندىسى دانىيە كوماندىسى بىلەن 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ۋاقتى ئىچىدە 1 دە 1 تەڭلىشىپ، نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق، ئومۇمىي نەتىجىدە 4 دە 3 نومۇر بىلەن دانىيە كوماندىسىنى يەڭدى ۋە سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى