باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن جايلار ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدە «1-قول رەھبەر» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى

سۈن چۈنلەن، گو شېڭكۈن، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى

2018.07.02 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى 30-ئىيۇندىن 1-ئىيۇلغىچە خېبېيدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، خېبېي قاتارلىق جايلارنىڭ تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرى يەكۈنلىنىپ ۋە ئالماشتۇرۇلۇپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن، دۆلەت كومىسسارى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى ياخشى ئۇسۇللىرى ۋە ياخشى تەجرىبىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، خېبېي، بېيجىڭ، تيەنجىن، سەندۇڭ، خۇنەن، گۇيجوۋ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەر تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى، 10 جاي ۋە تارماق يازما تەجرىبە ئالماشتۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جايلار ۋە تارماقلار ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، «1-قول رەھبەر» قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشى دەل جايىدا، تەشكىلىي رەھبەرلىكى دەل جايىدا، خىزمەت ھېسسىياتى دەل جايىدا، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرىشى دەل جايىدا، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشى-يۆلىشى دەل جايىدا، تەربىيە بېرىشى، يېتەكلىشى دەل جايىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، جايلارنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر