مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھۆججەتلىك فىلىم «قۇترىغان يوشۇرۇن ئېقىن- جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىرىسى» قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى

ئۇ فىلىم پولاتتەك پاكىتلار بىلەن گەپ قىلدى

2021.04.09 12:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پىچاق ئىشلەتمىسە ئادەم ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ، دەپ قالماڭ، مائارىپ مۇھىم ئەمەس، دەپمۇ ئويلىماڭ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر باشتىن كەچۈرگەن ئىشلار، تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا چىڭىتىشقا توغرا كېلىدۇ. 4- ئاينىڭ 2- كۈنى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CGTN) سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھۆججەتلىك فىلىمى «قۇترىغان يوشۇرۇن ئېقىن-جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىرىسى» كۆرسىتىلگەن ھامان، دەرھال ئالاقە تورىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  « قۇترىغان يوشۇرۇن ئېقىن» ناملىق بۇ فىلىم جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا ئائىت تۆت قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۆتىنچىسى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم «تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان كىشىلىك ھايات»، «ئىچكى دۈشمەن»، «يامان نىيەتنى يوشۇرغان دەرسلىك»، «ئالاقە تورىدىكى تەھدىت»تىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى، شۇنداقلا ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا چوڭقۇر ئۇچرىغان ياشلار ۋە ئۇزاقتىن بۇيان تۈزۈلمىدە يوشۇرۇنغان «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» قاتارلىق كۆپ مىقداردىكى زىيارەت ئوبيېكتلىرىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىش ۋە ئالاقىدار سۈرەتلەرنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىش ئارقىلىق، پولاتتەك پاكىتلار بىلەن ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭدا «ئىرقىي يوقىتىش» مەۋجۇت دېگەندەك سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا كەينى-كەينىدىن قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگۈتۈش خىزمىتىنىڭ زۆرۈرلۈكى نامايان قىلىنغان.

  ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمى «تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان كىشىلىك ھايات»تا، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھەرلىشىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان جىنايەتچىلەرنىڭ كامېرا كۆرۈنۈشى ئالدىدىكى غالجىرانە سۆز-ھەرىكەتلىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەسىنىڭ جاھىللىقى ئادەمنى سەسكەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قازا قىلغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئەسلەش، دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىلىرىنىڭ جىنايەت نەق مەيدانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ جاھىل، ئەسەبىي سۆزلىرى، تۈرمە ساقچىلىرى ۋە پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرىنىڭ تەربىيە بېرىپ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇشى قاتارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ شەخسلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشى، شۇنداقلا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن رېئال قىيىنچىلىقلارنى كۆپ نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭدا قانۇن بويىچە مەكتەپ خاراكتېرىگە ئىگە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىشى دەل ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىدە بولۇپ، ئۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى تەدبىر ئىدى، ئۇنىڭ مەقسىتى تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى مەنبەدىن يوقىتىش ئىدى. ئالاقىدار تەدبىرلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى»دا تەشەببۇس قىلىنغان ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، بۇ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» قاتارلىق بىر قاتار خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قارارلىرىنىڭ پىرىنسىپى ۋە روھىغا تامامەن ئۇيغۇن. شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش نەتىجىسىدە، ھازىر شىنجاڭ پائال نەتىجە-ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى.

  ۋاھالەنكى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ ئوخشاشلا قوللانغان بۇ خىل تەدبىرلەر مانا ئەمدى بىر قىسىم ئامېرىكا، غەرب سىياسەتۋازلىرى ۋە تاراتقۇلار تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ،«جازا لاگېرى» دەپ قارىلاندى. شۇڭا، بىز بۇ فىلىم ئارقىلىق، دۇنياغا ۋە خەلقلەرگە ئېيتماقچى بولغىنىمىز شۇكى، ئۇ بولسىمۇ، بىز نېمە سەۋەبتىن ۋە قايسى مەقسەتتە شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ بۇ تەدبىرلىرىنى يولغا قويدۇق؟ بۇ تەدبىرلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ دېگەندىن ئىبارەت، ھەمدە شۇ ئارقىلىق، ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ شىنجاڭغا قىلغان بوھتانلىرىغا قايتۇرما زەربە بېرىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جوۋ ۋېيپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە نۆۋەتتە شىنجاڭ دۇچ كەلگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىرىسى، شۇنداقلا ھەر ساھەنىڭ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئەمەلىيىتى چوڭقۇر نامايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا، پولاتتەك پاكىتلار بىلەن گەپ قىلغان بولۇپ، ئىنتايىن قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ