مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.04.08 12:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇلتۇر بىز كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-گېرمانىيە، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردۇق. جۇڭگو-گېرمانىيە، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەندە، ئەھمىيەتلىك چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. مەن گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە پائال تىرىشىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى قوغداپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئۆزگىرىشچان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە مۇقىملىق ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى ۋە باشقا ئامىللارنىڭ كاشىلىسىنى يېڭىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، جۇڭگو ئۇدا بەش يىل گېرمانىيەنىڭ يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش روھى بويىچە، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ-جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى قايتا گۈللەندۈرۈشكە ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقا پايدىلىق. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو گېرمانىيە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئوچۇق تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتتىن ھەمبەھىرلىنىشنى خالايدۇ. گېرمانىيەنىڭ ئېچىۋېتىشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ كېلەر يىلى جۇڭگو-گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە شۇنداقلا تۈرلۈك خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. مۇھىمى، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشى ۋە ئاساسىي رىتىمىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ پۇختا ئىگىلەپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، كاشىلىلارنى تۈگىتىش كېرەك. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن پۇرسەت، مەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەقىل ھالدا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى بىر يۈرۈش مۇھىم سىياسىي قارالمىلارنى كېڭىشىپ ياخشى بېجىرىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى تەڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋاكسىنا-كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئادەم قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، جۇڭگو ۋاكسىنىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ياكى «ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى» قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ، گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ۋاكسىنىنىڭ ئادىل، مۇۋاپىق تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنىغا ئېرىشىشىنى قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئىنسانلارنىڭ بىرلىكتە يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت جەھەتتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا نۇرغۇن مەسىلە ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، بۇ-گېرمانىيە-جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگونىڭ ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشىغا تېخىمۇ موھتاج. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ سۆزلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى-ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنياغىمۇ پايدىلىق، گېرمانىيە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ. گېرمانىيە جۇڭگونىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا دىققەت قىلىدۇ، بۇنىڭ گېرمانىيە-جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو ھەمكارلىقىغا يېڭى، مۇھىم پۇرسەت ئېلىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك گېرمانىيە-جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ، كىشىلەر ئالاقىسىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ۋاكسىنىنى ئادىل تەقسىملەش، ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گېرمانىيە كۈنمىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ