مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ شيامېن داشۆسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئۇ داشۆنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2021.04.07 12:44 مەنبە: خەلق تورى

  تەبرىك خەت

  شيامېن داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتتە، مەن بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ھەم ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  شيامېن داشۆسى شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە ئالىي مەكتەپ. 100 يىلدىن بۇيان، مەكتەپ ۋەتەنپەرۋەر جۇڭگو چياۋمىنلىرىنىڭ داھىيسى چېن جياگېڭ ئەپەندىنىڭ مەكتەپ قۇرۇش ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ۋەتەننى سۆيۈش، ئىنقىلاب قىلىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىلىم-پەن»دىن ئىبارەت ئېسىل مەكتەپ ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى بەرپا قىلىپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ چەتئەللەرگە تارقىلىشىغا پائال تۆھپە قوشتى.ئېلىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. مەن شيامېن داشۆسىنىڭ پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇپ، مۇلازىمەت رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2021- يىلى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 6-كۈنى خەت ئەۋەتىپ، شيامېن داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شيامېن داشۆسى شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە ئالىي مەكتەپ. 100 يىلدىن بۇيان، مەكتەپ ۋەتەنپەرۋەر جۇڭگو چياۋمىنلىرىنىڭ داھىيسى چېن جياگېڭ ئەپەندىنىڭ مەكتەپ قۇرۇش ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ۋەتەننى سۆيۈش، ئىنقىلاب قىلىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىلىم-پەن»دىن ئىبارەت ئېسىل مەكتەپ ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى بەرپا قىلىپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ چەتئەللەرگە تارقىلىشىغا پائال تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. مەن شيامېن داشۆسىنىڭ پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇپ، مۇلازىمەت رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شيامېن داشۆسىنى جۇڭگو چياۋمىنلىرىنىڭ داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر داھىيسى چېن جياگېڭ ئەپەندى 1921-يىلى قۇرغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان مائارىپ تارىخىدىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى قۇرغان تۇنجى ئالىي مەكتەپ. 100 يىلدىن بۇيان، بۇ مەكتەپ «توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش، كامالەتكە يېتىش»تىن ئىبارەت مەكتەپ تەلىمى بويىچە، دۆلەت ۋە خەلققە مۇلازىمەت قىلىشنى ئۆز ۋەزىپىسى دەپ بىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 400 مىڭدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىمنى يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ