مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ» خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى مەنئى قىلىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ئىلمىي ئەمەس

2021.03.15 18:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئەتىيازلىق يەر ئاغدۇرۇشنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى «بىر يىللىق پىلان باھاردىن باشلىنىدۇ» دەيدىغان ئالدىراش رىتىمىغا قەدەم قويدى. ئەمما بەزى جايلاردا خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ چەكلەندى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بەزى جايلار تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىش دۇكانلىرىدىكى خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى چەكلىگەن، بەزىلىرى «پۈتۈن رايوندا خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى بولماسلىق»نى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئورگانىك ئوغۇت ۋە بىيولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ ئۇسۇللار مەيلى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئاشۇرماسلىقتىن ئىبارەت ئۇزاق مۇددەتلىك نىشاننى يولغا قويۇش بولسۇن، ياكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنى ئازايتىش، زىيانسىز يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت رېئال نۇقتىدىن قارىغاندا بولسۇن، بەلگىلىك دەرىجىدە زۆرۈر ۋە مۇۋاپىق. لېكىن، ئەگەر «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ»، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى پۈتۈنلەي چەكلىسە ھەمدە «ئۇنىڭ ئورنىنى ئومۇميۈزلۈك ئېلىش»نى تەلەپ قىلسا، نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ۋە دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئالدىراقسانلىق ۋە بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، بۇ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، يېزا ئىگىلىك ساۋاتلىرىغىمۇ خىلاپ ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، شۇنداقلا ئىلمىي ئەمەس، يەنە شەكىلۋازلىق ۋە «مەمۇرىيەتتە ھۇرۇنلۇق قىلىش»مۇ بار.

  خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى − ئىنسانلارنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ پايدىسى شۇكى، ئۇ كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنى تىزگىنلەپ، بىرلىك مەھسۇلاتنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى بولمىسا، ھازىرقى يېزا ئىگىلىك بايلىقى بىلەن ئىنسانلارنى ئۆزىنى بېقىشى تەس بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى زىيادە ئىشلىتىشمۇ تۇپراقنىڭ قېرىشى ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق ئىللەتلەرنى پەيدا قىلدى، شۇڭا دۆلىتىمىز «مىقدارنى ئازايتىش، مىقدارىنى ئاشۇرماسلىق» قاتارلىق نىشان-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىر تەرەپتىن يېشىل خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلىتىش مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئازايتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى ئازايتىش ئارقىلىق مەھسۇلات مىقدارى بىلەن مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئوخشاشلا، كۆز قاراشنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئورگانىك ئوغۇت ۋە بىيولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلمەكتە. ئورگانىك ئوغۇت ۋە بىئولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى مەلۇم دەرىجىدە خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى يېنىكلەتتى. لېكىن، ئورگانىك ئوغۇت ۋە بىيولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئوغۇتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ۋە تەننەرخى قاتارلىق جەھەتلەردە خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئالاھىدە رايون ياكى بۆلەكلەردىن باشقا، كەڭ دائىرىدە، كەڭ كۆلەمدە ئورگانىك ئوغۇت ۋە بىيولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى نۆۋەتتە خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئالالمايدۇ. بۇ، ئىلىم-پەن، شۇنداقلا رېئاللىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تېخنىكا تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئىككىسى «بىر-بىرىگە ئەشەددىي رەقىب» بولماستىن، بەلكى بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغان بولۇپ، «ئوخشاش بىر ئاكوپتىكى سەپداشلار»غا تەۋە، پەقەت ئىشلىتىلگەن «قورالى»دا پەرق بار.

  شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى «ئۈزۈل-كېسىل پېچەتلىنىدۇ»؟ بۇنى نۆۋەتتە بەزى جايلاردا ئازدۇر-كۆپتۇر ساقلىنىۋاتقان «كونا ئىللەت» ۋە «ئادەت» كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىرىنچىسى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك چۈشەنمەسلىك ۋە ئىزچىللاشتۇرماسلىق، مەسىلەن، «يېشىل تەرەققىيات» ئىدىيەسىنى فورمۇلالاشتۇرۇش، ئۇقۇملاشتۇرۇش، ئاددىيلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ «يېشىل تەرەققىيات»ىنى خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى توسۇش بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئاشۇرماسلىقنى «چەكلەش»، «ئىشلەتمەسلىك»، دەپ خاتا قاراش؛ ئىككىنچىسى، شەكىلۋازلىققا تولغان «سىياسىي نەتىجە قارىشى»نىڭ تۈرتكىسى، مەسىلەن، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى پۈتۈنلەي ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، «يېشىل يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش» ئوبرازىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، يەنىلا داغدۇغىلىق ھالدا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئارقىلىق «سىياسىي نەتىجىسى گەۋدىلىك» بولغاننى ئىپادىلەش؛ ئۈچىنچىسى، مەنپەئەت گۇرۇھى بۇنىڭغا ئارىلاشقان بولۇشى، بەزى مەنپەئەت ئۈچۈن مەمۇرىي ۋاسىتە ئارقىلىق تۈرتكە بولغان بولۇشى مۇمكىن.

  بۇنداق ئىللەتلەر بىرلا يەردە ئەمەس، بىر مەزگىللىكمۇ ئەمەس؛ بۇنداق ساۋاقلارمۇ بىرلا يەردە ئەمەس، بىردەملىكمۇ ئەمەس. مەسىلە شۇ يەردىكى، ئالاقىدار جايلار قاچان ئۈزۈل-كېسىل تۈزىتىپ، تەجرىبە-ساۋاقلارنى ھەقىقىي قوبۇل قىلالايدۇ؟

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ