شى جىنپىڭ سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشارغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
2021.03.11 14:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشارغا تېلېگرامما يوللاپ، زۇڭتۇڭ باشار ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇلاردىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى ۋە ئەسما خانىمنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، رەپىقەم پېڭ لىيۈەن بىلەن ئىككىمىز سىز ۋە ئەسما خانىمدىن سەمىمىي ھال سورايمىز، سالامەتلىكىڭلارنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا قەتئىي مەدەت بېرىدۇ، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە سۇرىيە خەلقىنىڭ يۇقۇمنى چوقۇم يېڭەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ