سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى يېپىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار قاتناشتى، ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

2021.03.11 18:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملىغاندىن كېيىن، 10-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر قايسى تەشكىلاتلىرى، ھەر قايسى قاتناشقۇچى ئورۇنلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا چاقىرىلدى.

  يىغىنغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خۇخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. ۋاڭ ياڭ: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2158، ئەمەلىيەتتە قاتناشقان ئەزا 2087، بۇ بېكىتىلگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن، دەپ جاكارلىدى.

  يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدىن بۇيانقى تەۋسىيە خىزمىتى ئەھۋالىغا دائىر دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەۋسىيە كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ تەۋسىيەلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى. ئەزالار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىنى بىردەك قۇۋۋەتلىدى ۋە قەتئىي قوللىدى.

  ۋاڭ ياڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا دىققەت «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان ئۈستىدە كېڭىشىلىپ، ئىجابىي كۈچ مۇجەسسەملەندى، بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاقلىق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. بارلىق ئەزالار ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسى ۋە باشقا دوكلاتلارنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، ئەقىل-چارە كۆرسىتىش ۋە پىكىر-تەكلىپ بېرىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن تەڭ كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەزالارنىڭ دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى تولۇق نامايەن قىلىندى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇشتەك ئەۋزەللىكى ۋە رولى نامايان قىلىندى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلانغان تۇنجى يىل. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم بازا بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى باشتىن-ئاخىر تۈپ سىياسىي پىرىنسىپ ۋە زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئاساسنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بۇ مۇھىم ئۇسۇلنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش تۈزۈمى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى شەرت. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەكىل ئەربابلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، تەربىيەلەيدىغان، يېتەكلەيدىغان مۇھىم سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىدىيەۋى سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئىدىيە جەھەتتە ئورتاق ئىلگىرىلەش، ھەرىكەت جەھەتتە بىردەك بولۇشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي نەزەرىيەنى يېتەكچى، كېڭىشىش، ئالماشتۇرۇشنى ئالاھىدىلىك، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئۆزلەشتۈرۈش سۇپىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى شەرت. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئورتاق ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساستا زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ مۇھىم يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، گۇمانىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، تەرەققىياتنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش غەيرىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەتتە بولۇپ، ساھە ئاممىۋى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ شەكلى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزالارنى تەشكىللەش، ئەزالارنىڭ ساھەدىكى ئاممىنى يېتەكلەش خىزمەت زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋامنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ياخشى تەدبىرلىرىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرۈشى شەرت.

  ۋاڭ ياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ئەزالار، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىدا مەسئۇلىيەت ئېغىر. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىدىغان ئاچقۇچلۇق نۇقتىسىدا بۇرچ چاقىرىق قىلماقتا، زىممىمىزدە مەسئۇلىيەت بار. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئۈچ كالا» روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

  يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە: دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۈنخۇا، گو شېڭكۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دوڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يوڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن قاتارلىقلار بار.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى تەكلىپكە بىنائەن يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ