مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جىنسىي تەربىيەدە «ئالدى ئىشىك»نى ئېچىپ «غەلىتە دائىرە»نى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك

2021.03.15 18:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ما شيۇجېننىڭ «ئېلىمىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا» ناملىق تەكلىپى ناھايىتى زور ئىنكاس قوزغىدى. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: جىنسىي ساغلاملىق تەربىيەسىنى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مائارىپىنىڭ دەرس سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، جىنسىيەت مائارىپىنىڭ دەرسلىك ئورنىنى بېكىتىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىي ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  جىنسىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش − ئىزچىل جۇڭگو مائارىپىدىكى بىر كونا قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلدى، بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر كىچىك ۋاقتىدىكى فىزىيولوگىيەلىك گىگېنا دەرسىدىكى ھالقىلىق بىر بابنى ئېسىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن، بەزى مەكتەپلەردە بۇ بىر باب دەرس ئوغۇل-قىزلارغا ئايرىم ئۆتۈلگەن، بەزى مەكتەپلەردە بولسا ئوقۇتقۇچى كۆپچىلىكنى «ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش»كە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، كۆپىنچىسىدە يوشۇرۇپ، مۈجمەللەشتۈرۈلگەن.

  ئەينى چاغدا فىزىئولوگىيە، گىگېنا دەرسلىرىنى «ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن» بالىلار ھازىر ئائىلە باشلىقىغا ئايلاندى، ئۇلارمۇ بالىلارغا جىنسىي تەربىيەنى قانداق بېرىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى، لېكىن كۆز قارىشى تېخىمۇ ئوچۇق بولۇپ كەتمىگەچكە، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا يەنىلا يېپىپ-يوشۇرۇپ يۈرمەكتە.

  ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، جىنسىي تەربىيەدە «ئالدى ئىشىك» بولۇشى لازىم، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنسىي تەربىيە قۇبۇل قىلىشتىمۇ توغرا يولدا مېڭىشى كېرەك. ئەگەر دەرۋازىنى قۇلۇپلاپ قويساق ياكى ئېچىشنى خالىمىساق، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر «دېرىزىدىن سەكرەپ»، «تامدىن ئارتىلىپ»، غەيرىي مۇنتىزىم يوللار ئارقىلىق جىنسىي بىلىمگە ئېرىشىشى مۇمكىن. مەسىلە كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئالدىراپ-تېنەپ تەدبىر قوللىنىپ تولۇقلىغاندىن كۆرە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەربىيە ئىشلىگەن ياخشى ئەمەسمۇ؟

  ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدىغان يەنە بىر رېئاللىق شۇكى، جۇڭگو بالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق سەۋىيەسى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى، جىنسىي يېتىلىش مەزگىلى ئالدىغا سۈرۈلدى. ما شيۇجېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدىكى قىزلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى يېتىلىش يېشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 9.2 ياش بولۇپ، 30 يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 3.3 ياش ئالدىغا سۈرۈلدى، يەنى بالىلار بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى مەسىلىلەرگە، جۈملىدىن جىنسىيەتنى قوغداش، ئۆزىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشىگە قانداق يۈزلىنىش، يات جىنستىكىلەر بىلەن قانداق چىقىشىپ ئۆتۈش مەسىلىسىگە بارغانسېرى بالدۇر يۈزلەنمەكتە.

  لېكىن، دۆلىتىمىزدىكى كۆپ ساندىكى ئۆلكىلەردە ئوقۇغۇچىلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئاندىن دەرسخانىدىن مۇناسىۋەتلىك فىزىيولوگىيەلىك تازىلىق بىلىملىرى بىلەن رەسمىي ئۇچرىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوڭايسىز بوش ۋاقىت شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۆۋەتتىكى جىنسىي مائارىپ دەرسلىكى ۋە دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىمۇ مۇكەممەل، سىستېمىلىق ئەمەس بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىغا تولۇق ماسلىشالمايدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە پەن ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش زۆرۈر.

  جىنسىيەت تەربىيەسىدە «ئالدى ئىشىك»نى ئوچۇق-ئاشكارا ئېچىپ، توغرا جىنسىي بىلىم، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە جىنس قارىشىنى بالىلارغا ئۆگىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن جەمئىيەتتە چوقۇم ئېچىۋېتىش ئېڭى بولۇشى كېرەك، مەكتەپ، ئاتا-ئانىلار ئوچۇق-يورۇق بولۇشى كېرەك، ھەيران قالارلىق ھالدا سىرلىق تۇيغۇ پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئەسلىدىنلا «مۇشۇنداق بىر دەرس كەمچىل» بولغان ئاتا-ئانىلار جىنسىي تەربىيەنى «كەلكۈندىكى يىرتقۇچ» دەپ قاراپ، يەنىلا «كونا سېرىق كالېندار» بويىچە ئىش قىلسا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  «جىنسىي تەربىيەنى سىرلىقلاشتۇرۇش»تەك «غەلىتە چەمبىرەك»نى بۇزۇپ تاشلايدىغان ۋاقىت بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ