مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سۆز قىلىش ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش دەل ئىستىلنى ئۆزگەرتكەنلىكتۇر

2021.03.11 18:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  خەۋەر قىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جياڭشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شياۋجۇاڭ مۇنداق دېدى: بەزى يىغىنلاردا «سۆز قىلغاندا ئۇدۇل ئاساسىي تېمىغا ئۆتۈش» تەلەپ قىلىنسىمۇ، لېكىن سۆز قىلغانلار توختىماي «ئورنى يۈكسەك، باش تېما روشەن، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، روھنى ئۇرغۇتىدۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ. تۆۋەندىكىلەر يۇقىرىدىكىلەرنى دورايدۇ، بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە، كۆپ ھاللاردا ئېغىزىنى ئېچىشى بىلەنلا «ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىرادىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىپ، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىپ» دېگەندەك سۆزلەرنى ياغدۇرۇۋېتىدۇ. بۇ دەل شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئىستىلىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكتۇر.

  يولداش ماۋ زېدۇڭ 1942-يىلى «پارتىيە ئىچىدىكى باگۇغا قارشى تۇرۇش» ناملىق ماقالىسىدە «قۇرۇق گېپى كۆپ، سۆزىدە ئەمەلىي مەزمۇن يوق» بولۇشنى «پارتىيە ئىچىدىكى باگۇنىڭ بىرىنچى جىنايىتى» دېگەن ھەمدە بۇنداق سۆز ياكى ماقالىلەر «ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك ئۇزۇن ھەم سېسىق»، بۇلارنىڭ ئۈنۈمى دەل «ئاممىنى كۆرمەيدىغان قىلىشقا باشلايدۇ»، دەپ ئاتىغان.

  يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ۋە سۆز قىلىش ئۇسلۇبى دەل ئىستىلنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ۋە سۆز ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۆزى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلىغانلىق، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتكەنلىكتۇر. ھالبۇكى، رېئاللىقتا توغرا قۇرۇق گەپ، چىرايلىق قۇرۇق گەپ، تەكەللۇپ سۆزى، خۇشامەت سۆزلىرىنىڭ بەزى جايلاردا بەكلا «بازىرى» بار.

  ئېغىز ئاچسىلا «ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىرادىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىپ، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىپ» دېگەندەك سۆزلەر، ئاخىرىدا يەنە «ئۈچ نۇقتىنى تەكىتلەش، بىر قانچە تەرەپنى تولۇقلاش»... بۇنداق ئەھۋاللار نۇرغۇن كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. يىغىننى قىسقا ئېچىش، قىسقا سۆزلەش − پارتىيە ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئىستىل. يىغىن بەك كۆپ، بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، قۇرۇق گەپ سېتىپ، تەكەللۇپ سۆزلىرىنى كۆپ قىلسا، نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچنى ئىسراپ قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەگەر قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ھەل قىلماي، بۇ ھادىسىلەرنىڭ يامراپ كېتىشىگە، كېڭىيىپ كېتىشىگە يول قويساق، بۇ ھادىسىلەر «تىل جەھەتتىكى شەكىلۋازلىق»قا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

  تىل − ئىدىيەنىڭ تونى. بەزى رەھبەرلەر يىغىندا ئېسىل سۆزلىگەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى يىغىن ئاڭلىغۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزالمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ. مەسىلەن، رەھبەرنىڭ بۇ خىزمەتلەرگە بولغان ھەقىقىي چۈشەنچىسى كەمچىل بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا پەقەتلا بەزى قۇرۇق گەپ، تەكەللۇپ سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «بىلىم جەھەتتىكى ۋەھىمىسى»نى يوشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ يىغىننى ئۇزۇن ئېچىپ، ئۇزۇن سۆزلىگەندىلا خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن؛ ئەمەلىي ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، مەۋھۇم گەپلەرنى جىقراق قىلغاندا، خەۋپ-خەتىرى كىچىك بولۇپ، مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئارتىلمايدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن.

  سۆزنى ئاساسىي تېمىغا توغرىلاپ، ئارتۇق گەپ قوشماي سۆزنى قىسقا قىلىپ، ئەمەلىي سۆزلەرنى قىلىش كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىدىغان جاسارەت ۋە شىجائەتكە موھتاج بولۇپلا قالماي، يەنە سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تېخىمۇ موھتاج، بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس، بۇنىڭدا بىلىم جۇغلاش، ئەمەلىيەتنى خۇلاسىلەشنى كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى كۆرەلەيدىغان كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، رەھبەرلەر ئۆز سۆزىدە دەل جايىغا تەگكۈزۈپ، سۆرەلمىلىك قىلماي، ئوڭ-سولغا قارىماي سۆزلىيەلەيدۇ.

  راست گەپنى ئەمەلىي سۆزلەش، توغرا ۋە ئېنىق سۆزلەش لازىم؛ گەپنى ئۇزارتماي قىسقا سۆزلەپ، چىن ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ، چىنلىق بىلەن كىشىنى تەسىرلەندۈرگەندىلا، گەپ-سۆزنىڭ ئىناۋىتى ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچى بولىدۇ، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ كونكرېت يۆنىلىشى ۋە تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، گاڭگىرىتىپ قويمايدۇ.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئىلگىرى «خىزمەتتە ئىپادە بىلدۈرۈش كۆپ، گەپ-سۆزى كۆپ، ھەرىكىتى ئاز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچار بولۇش، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە، ۋەزىيەت يارىتىشقا بېرىلىپ كېتىش»نى نۇقتىلىق تۈزەيدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، ناچار سۆز ئۇسلۇبىغا دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كادىرلارنى قۇرۇق گەپ، تەكەللۇپ سۆزلىرى قىلىشقا، پو ئېتىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئويلىمايدىغان قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمەلىيەتتە، مەيلى قايسى تارماق، قايسى يەرلىك رەھبەر بولسۇن، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنتۇماي، ئامما بىلەن بولغان ئالاقىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، ئاممىدىن ئېلىپ ئاممىغا قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ، ئامما چۈشىنەلەيدىغان، ئىلھام ئالالايدىغان گەپلەرنى قىلىشى، ھەرگىزمۇ «توغرا قۇرۇق گەپ»، «دەبدەبىلىك تەكەللۇپ سۆزلەر»نى قىلماسلىقى كېرەك.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش، يىغىن ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش، سۆز ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش ئۈنۈمىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە باھا بېرىشتە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاممىنىڭ پىكرىگە كۆپرەك قۇلاق سېلىپ، ئاممىنى رەھبەرلەرگە باھا بېرىپ، نومۇر قويغۇزۇپ، رەھبەرلەرنى راست گەپ قىلىشقا، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا، كۈچلۈك نەتىجە يارىتىشقا مەجبۇرلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ