مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كېسەل كۆرۈش كېرەكمۇ ياكى ئىلمىي ماقالە يېزىش كېرەكمۇ؟ دوختۇر بۇنداق ئىككىلەنمەسلىكى كېرەك ئىدى

2021.03.11 18:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «ئالدىنقى مەزگىلدە بىز ناھىيەلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، ئۇ يەردىكى دوختۇرلارنىڭ بېشى بەك قېتىپتۇ، پەن تەتقىقات، ئىلمىي ماقالە يوللاش بېسىمى بەك ئېغىر ئىكەن. مېنىڭچە، بارلىق دوختۇرلارنىڭ پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىدىكى دوختۇرلار زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ كېسەلنى ياخشى كۆرۈشى كېرەك.» 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، يېقىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھەرلىك 3-خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لياڭ يىجيەننىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان سۆزى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىندى. بىر ۋەكىل ئىنتايىن كەسكىن بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى دوختۇرلار زادى كېسەل كۆرۈشى كېرەكمۇ ياكى ئىلمىي ماقالە يېزىش بىلەن ئالدىراش بولۇشى كېرەكمۇ؟

  ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى «ئوقۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولۇشى كېرەكمۇ ياكى پەن تەتقىقات بىلەن ئالدىراش بولۇشى كېرەكمۇ» دېگەن سوئالغا ئوخشاش، بارلىق دوختۇرلاردىن پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەلەپ قىلىش ئەلۋەتتە مۇۋاپىق ئەمەس، رېئاللىقمۇ ئەمەس، بەلكى پەن تەتقىقاتنى پەن تەتقىقاتقا، كىلىنىكىنى كىلىنىكىغا تەۋە قىلىش كېرەك. ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش دوختۇرنىڭ بۇرچى، دوختۇرنىڭ خىزمەت خاراكتېرى كۆپ ساندىكى دوختۇرلارنىڭ كىلىنىكىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇشىنى بەلگىلەيدۇ، پەن تەتقىقاتنىمۇ كىلىنىكىغا بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. بارلىق دوختۇرلارنىڭ پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تەلەپ قىلىش مۇقەررەر ھالدا دوختۇرلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلىم-پەندە ساختىلىق قىلىش، ئىلىم-پەن كۆپۈكى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشى، ھەتتا بىمارلارنى داۋالاشقا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

  دوختۇرلارنىڭ پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، لېكىن پەن تەتقىقات ۋەزىپىسىنى بارلىق دوختۇرلارغا، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام دوختۇرلىرىغا تاڭماسلىق كېرەك. خۇددى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى لى جياياڭ ئېيتقاندەك، «بۇ بىر يېتەكلەش مەسىلىسى بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنى ئىلمىي ماقالە، كۆرسەتكۈچكە قاراپ مېڭىشقا ھەيدەشكە بولمايدۇ.»

  ھازىر ئويلىنىشقا تېگىشلىكى شۇكى، زادى قانداق دوختۇر ياخشى دوختۇر ھېسابلىنىدۇ؟ ياخشى دوختۇرلار زادى كېسەل كۆرۈش ئارقىلىق يېتىشىپ چىقامدۇ؟ ياكى ئىلمىي ماقالە يېزىشقا تايىنىپ يېتىشىپ چىقامدۇ؟ ياخشى دوختۇر ئەمەلىيەتتىن يېتىشىپ چىقامدۇ ياكى قەغەز يۈزىدە يېتىشىپ چىقامدۇ؟

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئىلمىي ماقالىنىلا ئاساس قىلىش»قا قارىتا ئويلىنىش كۆپ بولدى، ئالاقىدار تەرەپلەرمۇ تۈزۈم جەھەتتىن بەزى ئېغىشلارنى تۈزەتتى، لېكىن مەسىلە ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولمىدى. ئىلمىي ماقالىنىڭ كەينىدە ئۇنۋان بار، ئىلمىي ماقالە قىزغىنلىقىغا ئادەتتە ئۇنۋان ئىشى تۈرتكە بولىدىغان بولۇپ، ئۇنۋاننىڭ ئارقىسىدا كەسپىي ئورۇن، كىرىم تەمىناتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈشى يوشۇرۇنغان. ئۇزاقتىن بۇيان، ئىختىساسلىقلار ئۇنۋانىنى باھالاشتا چوقۇم ئىلمىي ماقالىدىن ئىبارەت بۇ شەرتتىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى، بۇمۇ تەدرىجىي ھالدا «ئىلمىي ماقالىنىلا ئاساس قىلىش»تەك ناچار خاھىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  يەنىمۇ چوڭقۇرراق قىلىپ ئېيتقاندا، «ئىلمىي ماقالىنىلا ئاساس قىلىش»نىڭ ئارقىسىدا بەزى ساھە ۋە ئورۇنلاردا ساقلىنىۋاتقان «ئۇنۋانغىلا ئەھمىيەت بېرىش» ھادىسىسى، يەنى «قەغەز يۈزىدىكى ئىختىساسلىقلار»نىڭ ئەۋج ئېلىشى بار. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، «نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا داۋالاش تېخنىكىسى ياخشى دوختۇرلار ماقالە يازمايدۇ، ئۇنۋانى بارلارنىڭ كۆپىنچىسى كېسەل كۆرمەيدۇ» دەيدىغان بىر خىل قاراش بار ئىدى.

  2018-يىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىدا، «ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمى مۇۋاپىق بولماسلىق، ئىلمىي ماقالە، ئۇنۋان، ئوقۇش تارىخىنىلا ئاساس قىلىش ھادىسىسى ئېغىر بولۇش» مەسىلىسى كۈچلۈك دىققەتنى قوزغىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئىككى بەنگۇڭتىڭ «تۈرلەرنى باھالاش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، ئاپپاراتلارنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئەخلاق-پەزىلەت، ئىقتىدار، نەتىجە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىلمىي ماقالە، ئۇنۋان، ئوقۇش تارىخى، مۇكاپاتقىلا قاراش خاھىشىنى تۈگىتىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ھەممە كەسىپتىن ئەليۇلئەلا چىقىدۇ. دوختۇرلۇققا ئوخشاش ئەمەلىي ئىش ئورنىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان كەسىپتە، دوختۇرلارنىڭ كەسپىي شان-شەرىپى ۋە قىممىتى بىمارلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك. بولۇپمۇ بەزى ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىدا دوختۇرلار كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش، داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىنى قوغداش فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ كۆپرەك ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ئىلىم تەھسىل قىلىشقا، ئىلمىي ماقالە يېزىشقا ئىرادە باغلىغانلارنى ھۆرمەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، لېكىن بىر نۇقتا شۇكى، ئىلمىي ماقالىنى بىردىنبىر قوماندانلىق تايىقى قىلىشقا بولمايدۇ. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ھەر جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلارغا موھتاج، بەزىلەر يۇقىرى قاتلامدىن تەتقىق قىلىدۇ، بەزىلەر ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىي ئىشلەيدۇ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك − نورمال ھەم ساغلام ھالەتتۇر. داۋالاش ساھەسىدە، بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ