مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى شيا: دۆلەت چوقۇم قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يانفونلارنى ئېچىشىغا يار-يۆلەك بولۇشى كېرەك

2021.03.11 13:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن»دا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، گۇاڭدۇڭ بەيخاۋ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى لى شيا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دۆلەت چوقۇم يار-يۆلەك بولۇپ، يان تېلېفون ئىشلەپچىقىرىدىغان ئالاقىدار سودىگەرلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يانفونلارنى ئېچىشىنى قوللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. دۆلەت چوقۇم قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يانفونلارنىڭ مەخسۇس تورى ۋە يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىقتىدارىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كېرەك.

  لى شيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يان تېلېفونغا مەپتۇن بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئاساسلىقى تىجارەت سودىگىرىگە، ئاتا-ئانىلارغا ۋە مەكتەپكە تايىنىدۇ، لېكىن، تىجارەت سودىگىرىگە قويۇلىدىغان تەلەپ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس، مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يان تېلېفونغا مەپتۇن بولۇپ قېلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشى تەس بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، لى شيا تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، دۆلەت چوقۇم ئالاقىدار يان تېلېفون ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يانفونلار ئېچىشىغا يار-يۆلەك بولۇشى، بۇ خىل يان تېلېفون چوقۇم قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھەر كۈنى يان تېلېفون ئىشلىتىشىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە يىغىندى ۋاقتىنى تولۇق كونترول قىلالايدىغان بولۇشى، ھەتتا تور مەزمۇنىنى تۈرگە ئايرىپ تىزىملىتىش ۋاقتى (ئېشىپ كەتسە، ئاپتوماتىك توختاپ، تور ئۈزۈلۈپ، بۇ تۈردىكى مەزمۇنلاردىن چېكىنىپ چىقىش)، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يان تېلېفون ئىشلىتىش ۋاقتىنى مۇشۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق چەكلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يان تېلېفونغا زىيادە بېرىلىپ كېتىشى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يانفونلار چوقۇم قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان تور ۋە يۇمشاق دېتاللارنىلا ئىشلىتىشكە، باشقا تورلارغا تىزىملىتىشقا، باشقا يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرۈشكە بولماسلىق كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت چوقۇم قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان تور ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىشقا يار-يۆلەك بولۇشى، دۆلەت يەنە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىشلىتىدىغان مەخسۇس تور ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىقتىدارىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى، شۇ مەخسۇس تور ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىقتىدارىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ بۇ توردىكى مۇزىكا، قىسقا سىن قاتارلىقلار چوقۇم قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۈچ قارىشى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشى كېرەك؛ ئۇنداق يانفونلار چوقۇم قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە قىزىقتۇرىدىغان، ئۆلۈۋېلىشىغا زامىن بولىدىغان، شەھۋانىيلىق مەزمۇنلىرىنى كۆرسىتىدىغان دېگەندەك ساغلاملىققا پايدىسىز بولماسللىقى، ئۇنداق مەزمۇنلارنى چوقۇم ئۆزلۈكىدىن توسۇۋالالايدىغان بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ