مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاقىت چەكلىمىسى يوق ھالدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنىڭ تۆۋەن چېكىنى بېكىتىش لازىم

2021.03.11 13:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ «ئىككى مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلىش گۇرۇپپا يىغىنىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۈ گوچۈەن مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: «ۋاقىت چەكلىمىسى يوق ھالدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەسىلىسى، بۇ، ئىززەت-ئابرولۇق ئەمگەك تۈزۈمىگە، راھەت خىزمەت قىلىشقا ۋە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتقا ھەرگىز ماس كەلمەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋال يەنە خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكى ھەققىدە دۆلەتنىڭ تەشەببۇس قىلغىنىدىنمۇ خېلى يىراقلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، «ئىككى مەھكىمە»نىڭ نېسى قالغان ئىش ھەققى مەسىلىسىنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بەرگىنىگە ئوخشاش، ۋاقىت چەكلىمىسى يوق ھالدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلسىكەن.» بۇ مۇراجىئەت نەق مەيداندا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. ئەزا لۈ گوچۈەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ۋاقىت چەكلىمىسى يوق ھالدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئەھۋالى بەزى ساھەلەردە ھەتتا ئومۇميۈزلۈك تۈزۈملەشتى، بۇ خىل ئەھۋال بارغانچە ئېغىر بولماقتا، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان كىشىلەر توپى كەڭ بولۇپ، بۇ، ئەمگەكچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىسىز، بۇنىڭغا يېتەرلىك دىققەت قىلىش كېرەك.

  «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ 36- ماددىسىدا، دۆلىتىمىزدە ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈنلۈك ئىش ۋاقتى سەككىز سائەتتىن ئاشمايدىغان، ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە ئىش ۋاقتى 44 سائەتتىن ئاشمايدىغان ئىش ۋاقتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش بەلگىلەندى. ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، بۇنداق ئېشىپ كېتىش ۋاقتى ھەر كۈنى ئۈچ سائەتتىن، ھەر ئايدا 36 سائەتتىن ئارتۇق بولماسلىق بەلگىلەندى. خۇددى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ دېگىنىدەك، سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمى تەستە قولغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئەمگەكچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يەنىمۇ ئازادىلىككە ئېرىشىشكە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك. لېكىن، بەزى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىنى يەنىلا مۇۋاپىق تەقسىم قىلالمايۋاتىدۇ.

  خىزمەتتە بەزى جىددىي، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەزىپىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، مەسىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ نۇرغۇن ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنلار جەمئىيەت ئېھتىياجىنى تېزدىن قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى، بۇنداق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما، جەمئىيەتنىڭ ئەسلىدە نارازى بولۇپ قارشى تۇرىدىغىنى شۇكى، ۋاقىت چەكلىمىسى يوق ھالدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، ھەمدە بۇ خىل ئەھۋالنى نورمال ھالەت دەپ قاراش، شۇ ئارقىلىق، ئەمگەكچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئېغىر دەرىجىدە ئىگىلىۋېلىپ، ئەمگەكچىلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ھارغىن ھالەتكە، ياكى ئونكول ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قىلىش. بەزى كارخانىلارنىڭ تەرغىپ قىلغان «996» خىزمەت تۈزۈمى دېگەنگە ئوخشاش ئەھۋاللارغا كەلسەك، ئۇ ھەم «ئەمگەك قانۇنى»غا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ، ھەم كىشىلەرنىڭ كۈرەش قىلىش روھىغا خىلاپتۇر.ھازىر «يوشۇرۇن» شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بۇنداق ۋاقىت چەكلىمىسى يوق ھالدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەسىلىسى ئاز ئەمەس، ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت مىقدارىنى توغرا ھېسابلاش ناھايىتى تەس بولۇپ قالدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون، خىزمەت ئۈندىدار توپى بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشقا چىقىش، ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى غۇۋالاشتى. بەزى كارخانىلار ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئۈندىدار توپىدا 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇچۇرنى چۈشۈرۈپ قويۇش ياكى ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرماسلىقنى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ قارايدۇ، ھەتتا خىزمەتتىن ھەيدىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، گەرچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي خىزمەت ۋاقتى سەككىز سائەتتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ، كېچە-كۈندۈز دېمەي خىزمەت قىلىش ھالىتى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىسىز.دەۋر مەڭگۈ سەمىمىي ئىشلەش روھىغا موھتاج، كۈرەش قىلىشنى تەكىتلەش، تۆھپە قوشۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ھەرگىزمۇ ۋاقىت چەكلىمىسى بولمىغان ھالدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنگە باراۋەر ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ