مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15- قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى

ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى

2021.03.05 09:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15- يىغىنى 3- مارت بېيجىڭدا يېپىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىل، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، مەركەزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى تۈگىتىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، ئۆزئارا ئېنېرگىيە بېرىپ، نەتىجىدە، كېڭىشىش ئىقتىدارى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك، كۈچلۈك، ئۈزلۈكسىز ئالغا باستى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچ. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى بېيىتىپ، كېڭىشىش چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى كېڭەيتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىن پارتىيە سىرتىغىچە، ئەزالاردىن ساھە ئامماغىچە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەزالارنىڭ ساھەدىكى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىك ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش جەريانىنى پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش جەريانىغا، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئېچىپ، يىغىننىڭ قەلب ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇش، ئەمەلىي ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يېپىلىش يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىنىڭ قارالما (لايىھەسى) ۋە كۈنتەرتىپى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ئالاقىدار لايىھە ۋە دوكلاتلار تەرتىپ بويىچە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ.

  يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، زۇ شياۋدۇڭنى سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى؛ دېڭ شياۋچىڭ، ليۇ يۇڭفۇ، لى يۈفۇ، جاڭ جىڭئەن، ئوۋ چىڭپىڭ، جۇڭشەن، ئې جىڭپىڭ، خەن چاڭفۇلار 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى؛ جاڭ جىڭئەن تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، جۇڭ شەن، شيا دېرېن، خەن چاڭفۇلار ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، ليۇ يۇڭفۇ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، ئوۋ چىڭپىڭ نوپۇس-بايلىق-مۇھىت كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭمۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، ئې جىڭپىڭ نوپۇس-بايلىق-مۇھىت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، شۈ لىچۈەن جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، دېڭ شياۋچىڭ شياڭگاڭ-ئاۋمېن-تەيۋەن چياۋمىنلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، لى يۈفۇ مەدەنىيەت-تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى؛ چېن يىن تەكلىپ كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، يىن زۇڭخۇا شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن چياۋمىنلىرى كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇشتىن قالدۇرۇلدى؛ يولداش خاۋ يۈەننى سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ئۇنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. جاڭ جىنخۇڭنىڭ مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى جەزىملەشتۈرۈلدى.

  يىغىن يېپىلىشتىن بۇرۇن، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن ۋېنشيۇ مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش لېكسىيەسى سۆزلىدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خۇخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ